خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقات دولقۇنىنى قوزغىغان ئىدى.
خىتاينىڭ «خەلق تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر رايونىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 390 ئۆمەك، جەمئىي 4300 دىن ئارتۇق كىشىنى كۈتۈۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق پىلانلاپ تەكلىپ قىلغان بۇ ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە چاپان ياپقان، ھەتتا خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چالغان. خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق «ئامېرىكا ۋە غەرب تاراتقۇلىرى ‹قارامتۇل سۈزگۈچلۈك ئەينەك› تە قارىغان شىنجاڭ مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن سەپسەتەنى بازارغا سالغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقات ئويۇنىغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بەزى كىشىلەر خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ئويۇنلىرىغا ئالدىنىپ قالسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئالدانمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى خەلقئارا تاراتقۇلاردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرىنى كۆرگەن. شۇڭا ئۇلار خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ ماھىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى چوقۇمكى ئۆزىنىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن چوقۇم ئالداش ۋە ساختىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلار پەقەتلا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يۈزىسىدىن خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ھەمنەپەس بولۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ھەقىقەتنى كۆرەلەيدىغان، ئۆتكۈر كۆزى بولغان ئەقىللىق ئادەملەر بىر قاراپلا بۇ ئويۇنلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئالدانغانلار ئاز بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا نېمىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. »
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا ئاللىقاچان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ يەنە داۋاملىق تۈردە تۈرلۈك تەشۋىقات ئويۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «مېنىڭچە، بىز بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئاجىزلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنى خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ بولغانلىقى دەل ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە تەنقىدنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئىلىم ساھەسىدىن تارتىپ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغىچە پاكىتلىرى بىلەن بىلىنىپ بولدى. تەكىتلەشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، خىتاي بۇ يەردە ئەڭ سەل قارىغان بىر نۇقتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات تەييارلىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەنلىكىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ خىتاي ئېيتقاندەك، قانداقتۇر غەرب تاراتقۇلىرى ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان پىتنە-پاسات، يالغان ئىغۋا ئەمەس. مېنىڭچە، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۇستىلىق بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ‹قارا داغ› دەپ قارايمەن. »
دەرۋەقە، «ئەل-جەزىرە» قانىلى 2-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەشۋىقات ئويۇنى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئالبان مىللىتىدىن بولغان كانادالىق تارىخشۇناس ۋە ژۇرنالىست ئولسى يازىجىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى «غەربنىڭ يالغانچىلىقى» دەپ قارىغانلىقى؛ ھالبۇكى ئۇنىڭ 2019-يىلى 8-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، كۆز-قاراشلىرىنىڭ تامامەن ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر خەۋەردە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» دولقۇنى گەرچە خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن دوستانە دەپ قارالغان ئاخبارات ساھەسى ۋە دىپلوماتلارنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ كۈتكىنىدەك ئۈنۈم ۋە نەتىجە بەرمىگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
4-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى شەرھلەپ ئۆتتى.