تۈركىيەدىن قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ ئىككى قىزى چوڭ ئاپىسىغا بېرىۋېتىلگەن، ئۆزى ئىز-دېرەكسىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.07.27
zinnetgul-we-2-balisi.jpg زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىقامەت كىنىشكىسى ۋە ئىككى پەرزەنتى.
Social Media

تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ھەدىسى گۈلجەننەت، سىڭلىسى زىننەتگۈلنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ۋە ئىككى بالىسىغا ئانىسى قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشارەتلىك بىر ئۇچۇر ئالغان. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىغا نۆۋەتتە ئانىسى ئەمەس، چوڭ ئانىسى قاراۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە بولسا ئائىلە ئەزالىرى ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

زىننەتگۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ھەدىسى گۈلجەننەت ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق سىڭلىسى زىننەتگۈلنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ۋە ئىككى بالىسىغا ئانىسى روشەنگۈل ياسىننىڭ قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشارەتلىك بىر ئۇچۇر ئالغان. يەنى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئۈندىداردا ئۇنىڭغا زىننەتگۈلنىڭ بىراقلا يوقالغانلىقى ۋە ئىككى بالىسىنىڭ ئاپىسىغا قېلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. گۈلجەننەت «بىراقلا يوقالدى» دېگەن بۇ سۆزنى، يەتكۈزگۈچىنىڭ ئېچىنىش كەيپىياتىغا قاراپ «تۈگەپ كېتىش» دەپ چۈشەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرقانچە ئاي ئىلگىرى ئۇ زىننەتگۈلنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئۇچۇر ئالغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئىشارەتلىك ئۇچۇر ئۇنىڭغا تېخىمۇ قورقۇنۇنۇچلۇق بىلىنگەن. ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق يۇرتىغا قايتۇرۇلغان زىننەتگۈل قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزا مەركەز كەنتىگە نوپۇسلۇق بولۇپ، بۇ ئۇچۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال لەڭگەر يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز بۇ ساقچىخانا تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن لەڭگەر يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بۇ بىرلەشمىدىكى مەسئۇل خادىم زىننەتگۈل ۋە ئائىلىسىنى بىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە، بولۇپمۇ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز يەنە ساقچى خادىملىرى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، زىننەتگۈل ئولتۇرۇشلۇق مەركەز كەنت ئاياللار مۇدىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇ خادىم،

زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىغا نۆۋەتتە ئانىسى ئەمەس، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى، يەنى ئانىسى روشەنگۈل ياسىننىڭ ھەدىسى ئامانگۈلنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇمۇ زىننەتگۈلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، بولۇپمۇ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. تېخى 2-3 ھەپتىنىڭ ئالدىدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ئائىلىگە بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، بۇ ئۆيدە ھېچقانداق بىر مۇسىبەت ھاۋاسىنى كۆرمىگەنلىكى، قولۇم-قوشنىلارنىڭمۇ ئۆلۈم پەتىسى قىلىپ كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ خادىم زىننەتگۈلنىڭ ئىككىسى بالىسىغا قاراۋاتقان چوڭ ئاپىسى ئامانگۈلنىڭمۇ مەركەز كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىر ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن چوڭ ئاپىسىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ۋە ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە ئامانگۈلنىڭ يولدىشى ھەسەنجان دېگەن كىشىدىن ئۇچۇر ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما بىرقانچە كۈن قايتا قايتا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ھەسەنجاننىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى. بۇ ئاياللار مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن زىننەتگۈلنىڭ ئائىلىسىگە بارغىنىدا 5 جانلىق بۇ ئائىلىدە يالغۇز زىننەتگۈلنىڭ ئىنىسى ئىبراھىمنى ئۇچراتقان، ئەمما ئىباراھىممۇ زىننەتگۈلنىڭ نەدە ۋە قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقارقىدا تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق يۇرتى سۈيدۈڭگە قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ ئىككى بالىسىغا چوڭ ئانىسىنىڭ قاراۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ بولسا ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.