تۈركىيەدىن قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئىنىسىنىڭ ئائىلىسىدە كېسەل ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىن قايتۇرۇلغان ۋە قاماقتا تۈگەپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن زىننەتگۈلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ 9 ئايدىن بېرى لاگېردا ئىكەنلىكى، ئىنىسىنىڭ بولسا لاگېردا ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇۋېتىلگەنلىكى، ئەمما ئائىلىسىدە قارايدىغان كىشى قالمىغاچقا بېقىشسىز قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەدىسى گۈلجەننەت سىڭلىسى ھەققىدە قورقۇنچلۇق ئۇچۇر ئالغاندىن كېيىن، ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە ئايدىن بېرى ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئاپىسى روشەنگۈل ياسىنغا تېلېفون قىلغان؛ ئەمما ھەپتىلەرچە قىلغان تېلېفونى باغلانمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ زىننەتگۈل ھەققىدە ئالغان ئۇچۇردا ئىككى بالىسىغا ئانىسى روشەنگۈلنىڭ قاراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىگەن. ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى زىننەتگۈلنىڭ ئانىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز بۇ ساقچى خادىمى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرى بويىچە، يېزىدىكى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كەنت كادىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇ خادىملار زىننەتگۈلنىڭ ئانىسى روشەنگۈل ياسىننىڭمۇ 9 ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما كەنت خادىملىرى روشەنگۈلنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغالىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم، روشەنگۈلنىڭ تۇتۇلۇشىدا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى تۈركىيە سەپىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىشارەتلىدى.

گۈلجەننەتمۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا ئاپىسىنىڭ2015- ۋە 2016-يىللىرى قانۇنىي يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكى ۋە ئۆزى ۋە سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى. گۈلجەننەتنىڭ دېيىشىچە، روشەنگۈل ياسىن شۇ چاغدا ئىككى قىزى بىلەن بىر مەھەل تۈركىيەدە ياشاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، يۇرتىدا قېپقالغان ئوغلى ئىبراھىمدىن ئەندىشە قىلىپ يۇرتىغا قايتقان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، روشەنگۈلنىڭ تۈركىيە سەپىرى يەرلىك دائىرىلەرگە سىر ئەمەس؛ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقان2017- ۋە 2018-يىللىرى تۇتۇلماي 2019-يىلى، يەنى زىننەتگۈل تۈركىيەدىن قايتۇرۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىشى گۈلجەننەتنى ئويغا سالماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە سىڭلىسى زىننەتگۈلنىڭ قاماقخانىدا ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ۋە سوراق جەريانىدا ئانىسىنىڭ تۈركىيە سەپىرى ھەققىدە ئاتالمىش بىر جىنايەتكە ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلماقتا.

زىننەتگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا زىننەتگۈلنىڭ ئىنىسى ئىبراھىمنىڭمۇ ئىككى يىل بۇرۇن تۇتۇپ كېتىلگەن لاگېردىن ئېغىر كېسەل ھالەتتە ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما ئائىلىسىدە ئادەم قالمىغاچقا، ئۇنىڭ كېسەل ھالەتتە بېقىشسىز قالغانلىقى ئاشكارىلاندى. دېمەك، نۆۋەتتە ئىز-دېرىكى مەلۇم بولمايۋاتقان زىننەتگۈلنىڭ سۈيدۇڭدىكى ئائىلىسىدىن ئانىسى روشەنگۈل ياسىن قاماقتا، ئىككى بالىسى چوڭ ئاپىسىنىڭ قولىدا بېقىشتا، لاگېردىن كېسەل چىققان ئىنىسى ئىبراھىم ئۆيىدە بېقىشسىز ھالەتتە يېتىقتا. نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان گۈلجەننەت ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان سىڭلىسى، قاماقتىكى ئانىسىنىڭ غېىمىدىن باشقا يەنە لاگېردىن كېسەل چىققان ئىنىسىنىڭ سالامەتلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتىكەن.

يۇقىرىدا تۈركىيەدىن تاجىكىستان ئارقىلىق قايتۇرۇلغان زىننەتگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، لاگېردىن كېسەل چىققان ئىنىسىنىڭ ئائىلىسىدە بېقىشسىز قالغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.