قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 10-دېكابىردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئىككى نەپەر قازاق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
ئۇلارنىڭ بىرى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن كاپار ئاخات، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قامالغان قازاقلار مەسىلىسىنى قازاقىستاندا ئاكتىپ ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان جۇمامۇرات شەمشى ئىكەن.
دائىرىلەر گەرچە بۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىگە چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسلىدىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن گۈلجان قازاق دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش سەۋەبلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار قازاقىستاندا پاناھلىق تىلىگەن كاستېر مۇساخان ۋە مۇراغېر ئالىملارنى قازاقىستان تەرەپنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش قارارىغا قارشى چىقىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە بىر قاتار نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى قازاق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
گۈلجاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى بىلەن ۋە كاپار ئاخات، جۇمامۇرات قاتارلىق بىر قىسىم قازاق ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەر 9-دېكابىر كۈنى ئالمۇتادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. ئۇلار ئەگەر قازاقىستان تەرەپ مۇراغېر ئالىمئۇلى، قاستېر مۇساخانئۇلى ئىسىملىك بۇ ئىككى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ياكى ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار يەنە قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى قازاق سىياسىي پاناھلانغۇچىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار 27-نويابىر بۇ توغرىسىدا يەنە بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان ئىدى. ئۇلار بىر قىسىم قازاق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاممىنى باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ، مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرىنىڭ ئىككى نەپەر قازاق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلار يەنە بۇ جەرياندا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە خەت يېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارغان ئىكەن.
8-ئۆكتەبىر چۆچەكنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن قېچىپ چىقىپ، قازاقىستان چېگراسىغا كىرگەن مۇراغېر ئالىمئۇلى بىلەن قاستېر مۇساخانئۇلى 10-ئۆكتەبىردە ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ قازاقىستانغا چىققانلىقى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
يېقىنقى قازاقىستان خەۋەرلىرىدە ئۇلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «ئازادلىق» رادىيوسى قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دارخان دىلمانوفنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە بۇ ئىككىيلەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «قازاقىستاندا قەپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاقلار قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ زۇلۇمدىن قاچقان قازاقلارغا ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلماقتىكەن. ئۇلار ئۆزلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغاندا مىليونلىغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا لاگېرلارغا قامىلىدىغانلىقى، ھەتتا ھاياتى خەتەر ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىدىيولۇق چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى سېرىكجان بىلەشنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى قازاقىستان تەرىپىدىن چەكلەنگەندىن بۇيان ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئورۇنباسارى بېكزات مەخسۇتخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىككى نەپەر پىداكار قازاق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ سېركجاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان يەنە قازاق پائالىيەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كاپار ئاخات ۋە جۇمامۇرات شەمشى قاتارلىقلار ھەمدە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ نارازىلىقى بىلەن خەلق ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىق ئاۋازلىرى كۈچەيگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان مۇراغېر ئالىمئۇلى بىلەن قاستېر مۇساخانئۇلى خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. نەتىجىدە ئىلگىرى بۇ ئىككى قازاق پاناھلانغۇچىنىڭ «قازاقىستاندا قەپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دارخان دىلمانوف بۈگۈن گېپىنى ئۆزگەرتىپ «قازاق خەۋەر ئاگېنتلىقى» غا ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ئېنىقلىنىپ بولغۇچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، قازاقىستاننىڭ ئۇلارنى قايتۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەسئۇلى بېكزات ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي ئادۋوكات تۇتۇپ، قازاقىستان سوتىغا ئەرز سۇنۇش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە دۇنيادىكى بارلىق تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرگۈچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قازاقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بىردەك ئاۋاز چىقىرىشىنى ھەمدە ئۇلارنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00