قازاقىستاندا 20-ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق مەرىپەتچىسى، ئىسلاھاتچىسى ئابدۇقادىر داموللام خاتىرىلەندى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.04.02
20-esirning-ataqliq-meripetchisi-islahatchisi-abduqadir-damollamni-xatiriles-1 20-ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق مەرىپەتچىسى، ئىسلاھاتچىسى ئابدۇقادىر داموللامنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل، 30-مارت. ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

30-مارتتا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «لەززەت» كافېخانىسىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر جەدىدچىلىرىنىڭ بىرى، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ئەمگەك ۋە دەرسلىكلەرنىڭ مۇئەللىپى، مەرىپەتچى ھەم ئىسلاھاتچى، دىنىي ئەرباب ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرى ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى. «ئۆز دەۋرىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى» دەپ ئاتالغان بۇ مۇراسىمنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر پائالىيەتنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنىڭدەك يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار، زىيالىيلار، ياشلار قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.

ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇراسىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىلىمنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولىنى، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت سېزىمىنى تەربىيەلەشنى، بىلىم ئېلىشقا بولغان ئاڭلىق مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇ خەلق ئارىسىدا «ئابدۇقادىر داموللام» ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇشبۇ مۇتەپەككۇرنىڭ مىللىي مائارىپنى، مەدەنىيەتنى، ئىلىم-پەننى، روھىي تەربىيەنى تەشۋىق قىلىشقا بار كۈچىنى سالغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ ئۆلمەس مىراسى بىلەن تۈرك دۇنياسىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاندىن ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان «ئېھسان» ژۇرنىلى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى، ئىسلام ئىلىملىرىنىڭ ماگىستىرى ئازادجان ئەنسەروف ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلدى.

20-ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق مەرىپەتچىسى، ئىسلاھاتچىسى ئابدۇقادىر داموللامنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل، 30-مارت. ئالمۇتا.

پائالىيەتتە سۆزگە چىققان ياۋرو-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كېبىروف، «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ خەلقلەر دوستلۇقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئازتېكىن ئىبراھىموفلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ خەلققە بەرگەن خىزمىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تىل، مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، مىللىي ئىدېئولوگىيە ساھەلىرىدىكى رولى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىن كېلىپ، مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چەۋرىسى يۈسۈپ بالتاچامۇ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا رەھمىتىنى ئېيتىپ، كارلىن مەخپىروفقا تون كىيدۈردى.

يۈسۈپ بالتاچا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مومىسىنىڭ ئاكىسى، يەنى ئانىسىنىڭ تاغىسى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بوۋىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر داموللام پۈتۈن دۇنيا تونۇيدىغان ئىسلاھاتچى، زىيالىي، ئالىم. ئۇنىڭ ئوغلى ئابلىز مەخسۇم زالىم خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 47 يىل ياتقان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىمۇ شېھىت قىلغان. گومىنداڭ، جاڭ جيېشى، شېڭ شىسەينىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنى، ساخاۋەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنى يوق قىلىپ كەلدى. مېنىڭ دادام تەرەپتىن بوۋام يۈسۈپ ھاجى بايۋەچچە دېسە، ھەممىسى تونۇيدۇ. بىزمۇ مەكتەپ سالدۇق، ھازىر مەكتەپلىرىمىزنىمۇ ئۆرۈۋەتتى. ئۇيغۇر مىللىتىدە بىرلىك بولسا، قىلالمايدىغان ئىشى يوق. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاننىمۇ قۇرغان. شۇ ئابدۇقادىر داموللامدەك يېتىشكەن ئالىملار ۋەتەن قۇردى. كارلىن مەخپىروفنىڭ بوۋىمىزنى خاتىرىلەپ، قىلغان يىغىنىغا رەھمەت ئوقۇيمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئالىملىرىمىزنى، زىيالىيلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئەسلەپ، قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر مىللىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بايرىقىمىزنى تىكلەپ، ئۇيغۇرىستان بولۇپ ياشاشقا نېسىپ قىلسۇن» .

20-ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق مەرىپەتچىسى، ئىسلاھاتچىسى ئابدۇقادىر داموللامنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىل، 30-مارت. ئالمۇتا.

ئىسلام ئىلىملىرى ماگىستىرى ئازادجان ئەنسەروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا ئىلىم-پەندە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇڭ-زارىنى باشقا خەلقلەرگىمۇ يەتكۈزگەنلىكىنى ھەمدە قىسقا ۋاقىتتا ۋەتەن سىرتىدىمۇ تونۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «داموللام شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرىپىدىن داڭلىق ئالىملار ئابدۇقادىر داموللامغا ئۆزلىرىنىڭ تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى. ھەتتا ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن تەزىيەلەرنىڭ سانى شۇنچىلىك كۆپكى، بەزى شاگىرتلىرى ئابدۇقادىر داموللامغا يېزىلغان تەزىيەلىرىنى بىز يىغىدىغان بولساق، بىر نەچچە توم بولاتتى، دېگەن. ئالىم مۇھەممەد ئامىر ئىسلامى مۇنداق دېگەن: ‹ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان ھەممە شېئىرلارنى توپلاپ چىقسا، چوڭ بىر كىتاب بولىدۇ. داموللام ئۆزىنىڭ قىسقا ھاياتىدا چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى ۋە نەتىجىدە ئىستېداتلىق ئالىملارنى تەربىيەلەپ چىقتى›».

ئازادجان ئەنسەروف يەنە ئابدۇقادىر داموللام ئىدىيەلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارالغانلىقتىن، باشقا خەلقلەرگىمۇ تونۇش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەپەككۇر نامىنىڭ خەلقلەر خاتىرىسىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋرو-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى، پائالىيىتى، تۈرك دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسى بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا قايتا ئويلىنىش، قايتا باھا بېرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئومۇمەن مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى دىنىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغاندىن كېيىن بۇ ئىشلار راۋاجلىنىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا تولۇق ھەققىمىز بار. ئانا دىياردىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىجادىيىتىگە قايتا باھا بېرىش مەسىلىسى ئىسلاھاتلار دەۋرىدە يۈز بەردى. ‹ئىشىكنى ئېچىۋېتىش› دەۋرىدە شۇنداق پەيت قولغا كەلگەن. شۇ پەيتنى غەنىيمەت بىلگەن يالقۇن روزى، ئابدۇرېھىم سابىت، خېۋىر تۆمۈر، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئابدۇقادىر داموللام ئىجادىيىتىنى قايتا تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى قولغا ئالغان. شۇنى ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، مانا مۇشۇ ئىشلار بۈگۈنكى كوممۇنىستىك ئىدىيەلەرگە توغرا كەلمىگەنلىكتىن خەتەرلىك دەپ ھېسابلىنىپ، كۆپلىگەن زىيالىيلىرىمىز قايتىدىن تۈرمىگە تاشلاندى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار جەدىدچىلىك ئىدىيەلىرىنى تەرغىب قىلغانلىقى، يېڭىچە ئىسلاھاتلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلاندى» .

ئالىمجان ھەمرايېف يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان زىيالىيلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەقدىرىنىڭ تەكرارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنىڭ مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كارلىن مەخپىروفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «20-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭدا ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ماقالىلەرنىڭ توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان «20-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى» ناملىق كىتاب 2012-يىلى ئالمۇتادا «مىر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قازاقىستانلىق ئالىملاردىن تاشقىرى يالقۇن روزى، ئابدۇرېھىم سابىت، خېۋىر تۆمۈر ھەم نۇرەخمەت قۇرباننىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.