قازاقىستاندا ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشلىرى قايتىدىن ئۆز ئىشىنى باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.02.04
قازاقىستاندا ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشلىرى قايتىدىن ئۆز ئىشىنى باشلىدى قازاق رادىيوسىنىڭ «دوستلۇق» پروگراممىسى يېنىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو ئاڭلىتىش تەھرىراتىنىڭ مۇھەررىرى گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا خانىم ئىش ئۈستىدە.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى 1958-يىلى قازاق رادىيوسى يېنىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز ئىشىنى باشلىشى بولدى. دەسلەپكى يىللاردا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار يېرىم سائەتتىن ھەپتىسىگە 3 قېتىم بېرىلىدىغان بولغاندى. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىيو ئاڭلىتىش پروگراممىسى ھەر خىل سەۋەبلەرگە كۆرە بىر نەچچە قېتىم ئۆزگىرىشلەرگە، قىسقارتىشلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

يېقىنقى خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشلار ئۈچ يىللىق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن يەنە ئۆز پائالىيىتىنى باشلىغان. ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز قازاق رادىيوسىنىڭ «دوستلۇق» پروگراممىسى يېنىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىيو ئاڭلىتىش تەھرىراتىنىڭ مۇھەررىرى گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋاغا مۇراجىئەت قىلدۇق.

گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھسىل كۆرگەن ياش كەسپىي ژورنالىستلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنى تاماملاپ، 1997-يىلى رادىيوغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.

گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ۋاقتىدا بىزنىڭ باش مۇھەررىرىمىز رىزا ئاكا سەمەدى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا ھەپتىسىگە تۆت قېتىم 20 مىنۇتتىن ۋە 40 مىنۇتتىن كونسېرتلىق پروگراممىلار بولغان. بىر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ھەممىمىز قىسقىراشقا كېتىپ قالدۇق. ئاڭلىتىشلار ۋاقتى 10 مىنۇتقا چۈشۈپ قالدى. پەقەت رىزا ئاكا يالغۇز قالدى. 2000-يىلى رىزا ئاكا «مەن پېنسىيەگە كېتىپ بارىمەن، كېلىپ مېنىڭ ئورنۇمغا ئىشلىسىڭىز،» دېدى. مەن ھەقىقەتنى ئېيتسام، مائاشىم ئاز بولسىمۇ، مىللەت ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئۆچمىسۇن دەپ، ئىشىمنى تاشلاپ، رادىيوغا كەتتىم. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بىزگە قايتىدىن 20 مىنۇت ۋاقىتنى ھەپتىسىگە بىر قېتىمدىن بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن 20 يىل جەريانىدا 20 مىنۇتلۇق ئاڭلىتىشنى ئېلىپ ماڭدىم.»

گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، «دوستلۇق» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئەزەربەيجان، تۈرك، تاتار، گېرمان ۋە كورېيان تىللىرىدىمۇ ئاڭلىتىشلار يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2017-يىلى بەزى سەۋەبلەرگە كۆرە مەزكۇر تەھرىراتلارنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي توختىتىلغانكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىراق ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار يېپىلسىمۇ، بىز تېچ ئولتۇرغىنىمىز يوق. ھەر ياقلارغا خەت يېزىپ، مىللىي تەھرىراتلارنى قايتىدىن تىكلەپ بېرىڭلار، تىڭشىغۇچىلىرىمىز بار، باي فوندىمىز بار دېدۇق. بۇ يىلى قازاق رادىيوسىنىڭ 100 يىللىقى ھارپىسىدا بىزگە خۇش خەۋەر كەلدى. 6 تەھرىراتى بار «دوستلۇق» پروگراممىسى قايتىدىن تىكلەندى. ھازىرچە 10 مىنۇتتىن.»

گۈلجامال ئەمەتباقىيېۋا يەنە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلارنىڭ مەزمۇن-ماۋزۇلىرىغا توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا باشلانغان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار پروگراممىسى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان يىللاردىمۇ بىر نەچچە قېتىم قىسقارتىشلارغا دۇچ كەلگەنىكەن. ئەنە شۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 20 يىل داۋامىدا رادىيودا دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن ھۆرىيەت مۇسايېۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار پروگراممىسى ئۆز ئىشىنى باشلىغان يىللاردا ئۇ كەسپىي كادىرلارغا قاتتىق مۇھتاج بولۇپ، پەقەت كېيىنكى يىللىرى ياشلار كېلىشكە باشلىغانكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچى دىكتور بولۇپ ئەخمەتجان ھاشىرى كەلدى. ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان ۋاقلىرى ئىكەن. تەھرىر بولۇپ تاشكەنتتە ئوقۇپ كەلگەن گۈلسۈم غىياسىدىنوۋا ئىشلىدى. مەن 1979-يىلى ئورۇنلاشقاندا ئەخمەتجان مەمەتوف باشلىقكەن. كادىرلار جىق ئىشلىدى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار يېرىم سائەتتىن بولغاچقا، تولا جىق ماتېرىيال كەتمەتتى. شۇ ۋاقىتتا رادىيو بۆلۈملىرىمۇ جىق بولاتتى. مەدەنىيەت، سىياسىي ھايات، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئىگىلىكلەرنىڭ ئۇتۇقلىرىنى خەلققە تونۇشتۇرۇشقا تىرىشاتتۇق. ئۇيغۇرلار نۇرغۇن بولغاچقا رادىيونى ياخشى تىڭشاتتى. رادىيونىڭ ئابرۇيى ئۈستۈن ئىدى. ئاڭلىتىشلىرىمىزنىڭ ۋاقتى ئاستا-ئاستا قىسقىراشقا باشلىدى.»

ھۆرىيەت مۇسايېۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان مەمەتوف ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار تەھرىراتىدا باشلىق بولۇپ يازغۇچى ئېرنېست ئىسلاموف، ئاندىن، تونۇلغان ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئىشلىگەنىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاق رادىيوسىنىڭ ئالتۇن فوندىدا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مىڭلىغان ئۇيغۇرچە ناخشا-سازلار، شۇنداقلا «ئانارخان»، «غېرىپ-سەنەم»، «لاشمان»، «قاينام» ئوخشاش 40 تىن ئوشۇق سەھنە ئەسەرلىرى ئەخمەت شەمىيېف، مەرىيەم سەمەتوۋا، مەخپىر باقىيېف، روشەنگۈل ئىلاخۇنوۋا، ئابدۇرېھىم ئەخمەدى، سالامەت شەرىپجانوۋا، خالىسخان قادىروۋا، نۇربۈۋى مەمەتوۋا، سۇلتان مەمەتوف قاتارلىق داڭلىق ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلىشىدا 1400دىن ئوشۇق ناخشا-سازلار، كونسېرتلىق پروگراممىلار ساقلانماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.