قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدىدىن ئايرىلدى
2024.12.30

29-دېكابىر كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار پېشقەدەم ژۇرنالىست، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ قازاقىستاندىكى سابىق مەسلىھەتچىسى، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رىزا سەمەدىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلدى.
بۇ كۈنى ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا يىغىلغان جامائەت ئالدىدا سۆزلىگەن ئالمۇتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيەلىك باش يىگىت بېشى ئازاد ئىبراھىموف مەرھۇمنىڭ پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا دائىرىسىدىمۇ كۆپكە تونۇلغان قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، سابىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» نىڭ ئەزاسى زىيا سەمەدىنىڭ بىر تۇغقان ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، مەرھۇم ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زور تۆھپە قوشقان. ئازاد ئىبراھىموف بۇ ھەقتە توختىلىپ «رىزا سەمەدىگە ئوخشاش مىللىي قەھرىمانلارنىڭ نامى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ» دېدى.
رىزا سەمەدىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى رولى ھەققىدە سۆز بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، تونۇلغان سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «رىزا سەمەدى ئەڭ ئاۋۋال 1992-يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارا ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ تەشكىلات ئارقىلىق ۋەتەن دەۋاسىنى قازاقىستاندا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاڭلىتىشقا ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ د ئۇ ق قۇرۇلغاندا ئاكتىپ پائالىيەتتە بولدى. رىزا ئاكا ۋەتەندە چوڭ بولغانلىقتىن ۋەتەن دەۋاسىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ د ئۇ ق غا قاتنىشىپ، ياخشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. كىلاسسىك يازغۇچىمىز زىيا سەمەدى ھەققىدىكى كۆپ نەرسىلەرنى مەن رىزا ئاكىنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۆگەنگەن ئىدىم.»
قەھرىمان غوجامبەردى رىزا سەمەدىنىڭ سەمەدىلەر جەمەتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە د ئۇ ق دا ئاكتىپ خىزمەت قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قازاقىستان رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر دەۋاسى تېمىسىدا كۆپلىگەن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رىزا سەمەدىنىڭ سىڭلىسى بېلىقىز سەمەدى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى رىزانىڭ مەرھۇم دادىسى زىيا سەمەدىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، ئائىلە ئىچىدىمۇ بۇ ھەقتە پات-پات سۆھبەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دەۋاسى توغرىلىق سۆھبەتلىشەتتۇق. ئاكام ياۋروپادا ۋە ئامېرىكادا بولۇۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىشلىرى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى. شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ياشلار ھەققىدە گەپلىشەتتۇق. ئاكام ياخشى يەرلەردە ئىشلىدى، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدى. 1961-يىلى ۋەتىنىمىزدىن چىققاندىن بۇيان ئىككى-ئۈچ يىل ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇئەللىملىك قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۈچ-تۆت يىل ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ تېلېۋىزىيە-رادىيو ساھەسىدە دىكتور بولۇپ ئىشلىدى. ئاندىن 1968-يىلدىن باشلاپ 20 يىلدەك موسكۋادا سوۋېت تېلېۋىزىيە-رادىيو كومىتېتىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات رېداكسىيەسىدە ژۇرنالىست بولۇپ ئىشلىدى.»
بېلىقىز سەمەدى ئەينى ۋاقىتلاردا ئاكىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن رادىيو ساھەسىدە نۇرغۇن ئەمگەك قىلغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور تەسىرى ئاستىدا بولغانلىقىنى، كېيىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ، دۆلەت رادىيو ساھەسىدە ئەمگەك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستاننىڭ پەخرىي يازغۇچىسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە رىزا سەمەدىگە ئوخشاش بىر مۇنەۋۋەر پەرزەنتىدىن جۇدا بولغانلىقىنى چوڭ پاجىئە دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ياشلىقى موسكۋادا ‹ۋەتەننى قۇتقۇزۇش› رادىيوسىدا ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا ئۆتتى. قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قېرىنداش قازاق خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە پۈتكۈل ھاياتىنى خەلقنىڭ ئاقارتىش ئىشىغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزدى. ئۇ مېنىڭ قەدىناس دوستۇم ئىدى. ئۇنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە يەرلەپ قايتتۇق. دوستۇمنىڭ ۋاپاتى ماڭا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇ توغرىلىق شېئىر يېزىۋېدىم.»
ئىگىلىشىمىزچە، رىزا سەمەدى 1938-يىلى ماي ئېيىدا غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1956-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، شۇ يىلى ئۈرۈمچى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ ۋە ئۇنى 1959-يىلى تۈگىتىدۇ. رىزا سەمەدى 1961-يىلنىڭ ماي ئېيىغىچە 2-ئوتتۇرا مەكتەپ («ئۈمىد» مەكتىپى) دە مۇئەللىملىك قىلىدۇ ۋە شۇ يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئالمۇتا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. رىزا سەمەدى 1968-يىلغىچە ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىيو ساھەسىدە دىكتور بولۇپ ئىشلەيدۇ. 2002-يىلى شەرەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان بولۇپ، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تېگىشلىك خىزمەتتە بولۇشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىدى.