ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تور دۇنياسىدا تارقالغان ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچراپ قالىدىغان ئۆز يۇرتى ۋە مەھەللىسىگە ئائىت ئۇچۇرلار ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
رادىيومىز ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى دارىلئېتاملاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئېلىنغان قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ئۆز پەرزەنتلىرىنى تونۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق ھېكايىلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان خىتاي ساياھەتچىلەر ۋە ياكى باشقىلار تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە قىسقا ۋىدېيولاردىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بۇ فىلىملاردىن يۇرتىدا قالغان بالىلىرىنى تونۇۋېلىشتەك مىساللار كۆپەيمەكتە.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى تېزلىك تۈپەيلى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسىدا يەنىلا بەزى يوچۇقلارنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە.
بۈگۈنكى ھېكايىمىزنىڭ قەھرىمانى ئامېرىكانىڭ ۋىسكانسېن شىتاتىدا ياشاۋاتقان قەلبىنۇر خانىمدۇر.
ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئانىسى ھاۋاخاننى يېقىندا فېيسبۇكقا چاپلانغان، ئەسلى مەنبەسى خىتاينىڭ «دويىن» تورىدىن تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدىن تونۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. قەلبىنۇر بىر تەرەپتىن بۇ سىن كۆرۈنۈشىدىن ئانىسىنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خوش بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىسىنىڭ جاپا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئازابلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
قەلبىنۇر ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىگە مۇنداق دەپ يازغان: «ئاپام! . . . قايسىڭلار فېيسبۇك ئارىلاۋېتىپ، يىللاپ ئاۋازىنى ئاڭلاش ۋە چىرايىنى كۆرۈشكە قادىر بولالمىغان ئاتا-ئاناڭلارنى ئۇچرىتىپ قالدىڭلار؟ ماڭا ئۇچرىدى، مانا ۋىدېيودىكى پولۇ ئۆرۈۋاتقان ئايال مېنىڭ ئاپام، جاپاكەش ئاپام، مىھنەتكەش ئاپام، يالغۇز ئاپام! بۇ ۋىدېيونى تارقاتقان قېرىندىشىمىز ‹ئەرلەرنىڭ ھەممىسى لاگېردا، تىجارەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىكەن› دېگەن تېما ئاستىدا تارقىتىپتىكەن. ئەمما مېنىڭ ئاپام قانداقتۇر بىر سودىگەر ئەمەس، ئائىلە ئايالى، يەنى دېھقان ئايال، ھۈنەرۋەن-ماشىنچى ئايال. ئۈچ پەرزەنتىنى ۋە كىچىك ئىنىلىرىنى ئوقۇتقانلىقى، ئۇلارنى چەتئەللەردە ئوقۇتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكىنى قۇرغىنى ئۈچۈن لاگېرغا سولانغان، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن خارابىيلىققا ئايلانغان ھويلىسىدا پولۇ ئېتىۋاتقان ئاپام! . . .»
قەلبىنۇر ئاپىسى بار بۇ ۋىدېيونى 8-ئىيۇن كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن. بۇ ۋىدېيونىڭ دويىن تورىغا يوللانغان ۋاقتى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىكەن.
قېنى ئەمىسە، قەلبىنۇر خانىمنىڭ ھېكايىسىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00