لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق: قېرىنداشلىرىم گۆرۈدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتى تېخىمۇ كۈچەيدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.03.31
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق: قېرىنداشلىرىم گۆرۈدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتى تېخىمۇ كۈچەيدى گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىققا ئۈندىداردا ئېكران ئارقىلىق تېلېفون قىلغان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىمى. 2021-يىلى فېۋرال.
Qelbinur Sidiq teminligen

2017-يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ھەر خىل تەھدىت-ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر تېمىلىرى بولۇپ كەلمەكتە.

خەلقئارادا تونۇلغان لاگېر شاھىتلىرىدىن، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، لاگېردا كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن 2019-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى داۋالىنىش نامىدا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ گوللاندىيەدىكى قىزىنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.

لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا ھەر جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، سالامەتلىكىدىن ئايرىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم گوللاندىيەدە بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۆزى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئۈرۈمچىدىكى لاگېرلاردا كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاپ كەلگەنىدى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تاراتقۇلاردا ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن بۇيان، ئۆزى ۋە ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈزلۈكسىز تەھدىتكە ئۇچراپ كەلگەن.

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىمىنىڭ گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بىلەن ئېكراندا سۆزلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى فېۋرال.

31-مارت كۈنى قەلبىنۇر سىدىق خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيەگە كەلگەندىن بۇيان ئاخىرقى قېتىم يەنى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەدىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنى ساقچى ئىدارىسىگە چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىدار ئېكرانىدا قىلغان تەھدىتلىك سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.