ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان: «دۇنيا جامائىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىرىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.10.10
13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى

13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 9-ئۆكتەبىر. سارايېۋو، بوسنىيە. RFA/Arslan

9-ئۆكتەبىر بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋو شەھىرىدە ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىدا دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنى قوللاشقا ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىلدى.

بۇ يىغىننى باش شتابى تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 11-ئۆكتەبىرگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى، دىنىي ئالىملار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنى قوللىغان بوسنىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى، دۇنيا جامائىتىنى ۋە مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى شۇنىڭغا چاقىرىق قىلىمىزكى، بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنى قوللاشقا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار ئىكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا جامائىتىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيا جامائىتىنى، خىتاينىڭ يېڭى ئۇسلۇبتىكى بىر دىكتاتورىلىق ئەندىزىسىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ خەلقئارا قىممەت-قاراش ئۇقۇملىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىمىز. بىر تۈركۈم خىتاي دىكتاتورلىرى قايتا-قايتا كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ۋە خەلقئارا قائىدە – تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئورىنىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشنى ئەيىبلىشى، ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك».

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاش دىنى ئېتىقادىنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ۋە ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە تۈركلەرنىڭ ئىسلام جەمئىيىتى بولغان «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ بالقانلار شۆبە رەئىسى ئەدىن سالكوۋىچ، خەلقئارا سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروفېسسور ئەخمەت يىلدىرىم، «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇرات ئىلەرى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

مىللىي گۆرۈش (مىللىي ئاڭ) تەشكىلاتى رەئىسى مۇرات ئىلەرى ئەپەندى سۆزدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە خىتاينى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى، مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شۆبىلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا جامائىتى بىرلىشىپ زۇلۇمنى توختىتىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى-تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەر» دېگەنگە ئوخشاش يەتتە تېما بويىچە مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.