شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قەشقەر چوڭبازار ھەققىدە ساختا خەۋەر بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى
2022.04.27
رادىيومىز قەشقەر چوڭ بازارنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە بىر يۈرۈش خەۋەرلەرنى بەرگەندىن كېيىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنگىلىزچە بېتىدە قەشقەر چوڭبازارنىڭ نورمال ئېچىلىۋاتقانلىقى ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. مۇخبىرىمىز قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، مەزكۇر بازارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چېقىلىپ بولغانلىقى ۋە سودا-تىجارەتنىڭ توختىغانلىقى، خىتاي تارقاتقان خەۋەردىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ كونا كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-مارت كۈنىدىكى مەزكۇر خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال، تېنچ ۋە بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭ بىر پاكىتى سۈپىتىدە قەشقەر چوڭبازارنىڭ، يەنى ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيا بازىرىنىڭ قايناق مەنزىرىسى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە بازاردىكى دۇكاندالارنىڭ ئېغىزىدىن خىتايغا مىننەتدارلىق ئىپادىلىرى بىلدۈرۈلگەن. ئۆتكەن ئاينىڭ ئالدىنقى ھەپتىسىدىكى خەۋەرلىرىمىزدە قەشقەر چوڭبازارنىڭ 2/3 قىسمىنىڭ چېقىلىپ بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۈرۈمچى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر بازارنىڭ چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرگە ۋاقتىنچە كۆرسىتىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بازارنىڭ چېقىلغانلىقىنى ئىشارەتلىك ھالدا دەلىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن كۆرسىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بەرمىگەن ئىدى. بۈگۈن بىز مەزكۇر ئىدارىغا قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يەنە شۇ خادىم، قەشقەر چوڭبازارنىڭ چېقىلىش سەۋەبىنى «يۇقۇم سەۋەبلىك» دەپ ئىزاھلىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان قەشقەر چوڭبازارنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ مەنبەسىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ «يالغان» لىقىنى بايان قىلدى ۋە توردىكى ئۇچۇرلارغا ئىشەنمەسلىىكىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
بىز ئارقىدىن قەشقەردىكى بىر ساقچىخانادىن مەلۇمات سورىدۇق. ساقچىخانا خادىمى، بازارنى بىر-ئككى ئايچە ئاۋۋال كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شۇ چاغدىكى مەلۇماتىغا ئاساسەن، بازارنىڭ يېرىمى چېقىلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر مەسئۇل خادىم، بازارنىڭ چېقىلىپ بولغانلىقى ۋە ئۇ يەردە سودا تىجارەتنىڭ توختىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بىز ئاخىرىدا قەشقەردىكى خۇئەن خەلقئارا ساياھەت شىركىتىگە تېلېفون قىلدۇق. بۇ شىركەتنىڭ خادىمى ئوچۇق ھالدا، مەزكۇر بازارنىڭ چېقىلىپ بولغانلىقى ۋە ھازىر بىر خارابىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن: «ساق قالغان، يەنى زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان بىرەر پارچىسى يوقمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ «يوق» دەپ جاۋاپ بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، قەشقەر چوڭبازارنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما چوڭبازارنىڭ چېقىلغانلىقى ۋە دۇكاندارلارنىڭ يۆتكەلگەنلىكىدەك ھەقىقىي رېئاللىق يوشۇرۇلغان. بىز خۇئەن خەلقائارا ساياھەت شىركىتىدىن مەزكۇر بازارنىڭ پۈتۈنلەي چېقىلغان ياكى قىسمەن چېقىلغانلىقى ھەققىدە قايتا سورىدۇق. ئۇ پۈتۈنلەي چېقىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، ئەتراپتىكى خىزمەت بىنالىرىنىڭلا ئامان قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بازار باشقۇرۇش خادىمىمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش مەلۇمات بەردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يوقۇرىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگىلىزچە خەۋىرىدە قەشقەر يېڭىبازار، يەنى چوڭبازار توغرىلىق يالغان خەۋەر بەرگەنلىكىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.