نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 85 ياشلىق مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ يۇرتى توققۇزاق لەنگەردىكى بۈۋىئانام مازارلىقىغا زىيارەت چەكلىمىسى قويۇلغانلىقى ۋە بۇ مازارلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، توققۇزاق لەنگەردىكى «بۈۋىئانام» مازارلىقىدىن سېتىۋالغان يەرلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىنا قىلغان ۋە باغ ۋە سايىۋەنلىكىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن كۆپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسىسى بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىغان. مەزكۇر مازارلىقىنىڭ گېپى چىقسىلا، ئۆزى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ رەڭگى ئۆچكەن ياكى تىلى تۇتۇلغان. بۇ ئەنسىزچىلىككە قاراپ، مەزكۇر مازارلىققا بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى پەرەز قىلغان مەمەتتوختى ئاكا، يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «دوۋيىن» دا بۈۋىئانام مازارلىقىنىڭ چۆلدەرىگەن مەنزىرىسى ۋە بىر قىسمىنىڭ چېقىپ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرگەن.

بالا ۋاقىتلىرى ئەنە شۇ مازارلىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆتكەن مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، مازارلىقنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: ھەر پەيشەنبە-جۈمە كۈنلىرى دۇئا-تىلاۋەتلەر قىلىناتتى، شەنبە كۈنى ئات چاپتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشلار بولۇپ تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ سودا-سېتىقلار داۋام قىلاتتى، زىيارەتچىلەر قەشقەرنىڭ ھەر يەرلىرىدىن كېلەتتى…
مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ مازارلىقتىكى قاينام-تاشقىنلىققا بەزىدە ھەسەت، بەزىدە نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ كەلگەن. خەلق ئارىسىدا تارقالغان بۇ ھەقتىكى بىر ھېكايىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، بۇ مازارلىقنى زىيارەت قىلىشنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە بىر مەزگىل چەكلىگەن خىتاي دائىرىلىرى، يېقىنقى يىللاردا «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا بۇ چەكلىمىنى قايتا يولغا قويغان.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2019 -يىلى مازارلىقلارنى يۆتكەش نامى ئاستىدا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەرىكەت داۋامىدا كۆپلىگەن مەقبەرەلەر يوق قىلىنغان، تاقالغان ياكى ئىشرەتخانىغا ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، چېقىش ۋە يۆتكەش ئارقىلىقمۇ، بۇ مازارلىقلار جايلاشقان ماكانغا قارىتا مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئىنتىلىشنى تەلتۆكۈس توسۇپ بولالمىغان دائىرىلەر، ئەمدىلىكتە مەخسۇس بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق، مازارلىقنى زىيارەت قىلىشقا چەكلىمە قويغان. بۇ چەكلىمىنىڭ تەدبىرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە مەزكۇر مازارلىققا كۆپلىگەن كامېرا، يەنى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورناتقان.
بۈۋىئانام مازارلىقىنىڭ «دويىن» دىكى كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم قەبرىلەر چېقىلغان، بىر قىسىملىرى ئېغىر دەرىجىدە ئۇپرىغان ۋە بۇزۇلغان. مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە بۇ مازارلىقنىڭ ئەتراپى گۈل-گىياھ ۋە يېشىللىققا ئورالغان بولۇپ، پەرۋىش قىلىنمىغانلىقتىن مازارلىقتىكى ئۇ يېشىللىق يوقالغان.
توققۇزاق ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، بۈۋىئانام مازارلىقىنى چېقىشقا ساقچىلارنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما چېقىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاق لەنگەر ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، مەزكۇر مازارلىقتا داۋام قىلىۋاتقان چەكلىمە تەدبىرلىرىنى كەنت ساقچىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئانا يۇرتىدىكى بۇ مازارلىقىنىڭ كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئېچىنغان، مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارىتا ئېغىر بىر زەربە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدا توققۇزاق لەنگەردىكى بۈۋىئانام مازارلىقىغا قارىتا زىيارەت چەكلىمىسى قويۇلغانلىقى ۋە مازارلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.