چولپانلار ئۇستازى قېيۇم مۇھەممەدنىڭ 3 يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.08.03
چولپانلار ئۇستازى قېيۇم مۇھەممەدنىڭ 3 يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، چولپانلار ئۇستازى، ئاكتىيور قېيۇم مۇھەممەد ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمسە)
Social Media

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى تۇرغۇزغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، چولپانلار ئۇستازى، ئاكتىيور قېيۇم مۇھەممەدنىڭمۇ ئىسمى ئورۇن ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «چولپانلار ئۇستازى» دەپ تونۇلغان، كۆپ قىرلىق سەنئەتكار قېيۇم مۇھەممەد 2017-يىلى ئۇشتۇمتۇت سەھنە، مۇنبەر ۋە سورۇنلاردىن تەڭلا غايىب بولغاندىن كېيىن، بۇ بوشلۇق رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. مەزكۇر فوندنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، قېيۇم مۇھەممەدنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدىن، ئۇنىڭغا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى ۋە تور بەتتىن، ئۇنىڭغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. نەتىجىدە، ئابدۇۋەلى مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق قېيۇم مۇھەممەدنىڭ بىرقانچە مەشھۇر سەنئەتكار بىلەن بىرلىكتە، 2017-يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ بىر خادىمى دوتسېنت قېيۇم مۇھەممەد ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

«قەشقەردىكى ھېكايە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ رېژىسسورى، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى تاھىر ھامۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر فىلىمدا باش رول ئالغان قېيۇم مۇھەممەد، بولغۇسى كېلىنى مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان بولغاچقا، 2017-يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدىلا تۇرمۇشتا ئېگىز-پەسلىككە يولۇقۇشقا باشلىغان ۋە بولغۇسى كېلىنىنى قۇتقۇزۇشنىڭ كويىدا چېپىپ يۈرگىنىدە، قارا خالتا ئۆزىنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەن.

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ كادىرلار بۆلۈمى خادىمى قېيۇم مۇھەممەد ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

تاھىر ھامۇتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قېيۇم مۇھەممەد ئاۋاز ئارتىسلىقى، سەھنە رىياسەتچىلىكى، ئاكتىيورلۇق، سەنئەت مائارىپى قاتارلىق كۆپ ساھەدە مېۋە بەرگەن بىر تالانت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتىكى سەنئەت چولپانلىرىدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىق كۆپ ساندا سەنئەتكارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن.

پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، قېيۇم مۇھەممەد كۆپ قىرلىق سەنئەتكار ۋە پىشقان سەنئەت مائارىپچىسى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىمۇ قوزغاش ۋە يېتەكلەش كۈچى بولغان جامائەت ئەربابلىرىدىن ئىكەن.

سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ بىر خادىمى قېيۇم مۇھەممەدنىڭ ئىلگىرى بىر مەزگىل تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئۇنىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈلگەنلىكى ۋە تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قېيۇم مۇھەممەد «زىۋەرنىڭ چېۋەرلىكى» ۋە «تەخەللۇس» قاتارلىق ئىتوتلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك رول ئالغان ۋە ئالدىنقى ئىتوتتىكى «راخمان» ئوبرازى بىلەن جەمئىيەتتە ئەستە قالغان.

سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ يەنە بىر ئالاقىدار خادىمى قېيۇم مۇھەممەدنىڭ 3 يىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما بۇ خادىممۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

يۇقىرىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، چولپانلار ئۇستازى، ئاكتىيور قېيۇم مۇھەممەدنىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.