قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تور ئارقىلىق يىغىن ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021.03.01
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تور ئارقىلىق يىغىن ئۆتكۈزدى ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-ئىيۇل.
Photo: RFA

28-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تور ئارقىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر تور يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم، ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە باشقىلار شۇنداقلا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاياللار ۋە ياشلار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ 30دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىن جەريانىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشتا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى شۇنداقلا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇ تىپتىكى يىغىن قىرغىزىستاندا بىرىنچى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا د ئۇ ق پائالىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى ئويغىتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقى، مەزكۇر يىغىن مەقسىتى ۋە مۆلچەرلەنگەن نەتىجىلەر ھەققىدە توختالدى.
مەزكۇر يىغىن داۋامىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەشكىلات سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تور ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىن ۋاقىت چەكلىمىسى بىلەن ئىككى سائەت داۋام قىلدى، قاتناشقۇچىلار ھاياجانلىنىپ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئىگىلىنىشىچە د ئۇ ق رەھبەرلىرى يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەنمۇ تور ئارقىلىق ئۇچراشتى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىي كېڭەش ئەزاسى كامىلجان نىيازوف بۇ يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكنىڭ يىگىت-بېشى غەيرەت جاھانوف، د ئۇ ق نىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە كېلەچەك پىلانلىرى توغرىسىدا ئۆز مەھەللىسىدىكىلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايلىرىغا قاتنىشىپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن دىدارلىشىپ تۇرغانىدى. لېكىن كورونا ۋىرۇس كېسىلى يامراپ كېتىپ نۇرغۇن يىغىن-پائالىيەتلەر ئەمەلگە ئاشمىدى، لېكىن قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈمىد بىلەن كېلەچەككە يۈزلەنمەكتە. كېيىنكى يىللاردا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياشلىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تارىخىي ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەتنى تونۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ۋەتەنپەرۋەر روھى كۈچەيمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.