قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى سايلىدى

0:00 / 0:00

27-ۋە 28-ئىيۇل كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شۇ قاتارىدا قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ جامائەت ئىچىدىن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى.

28-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سايلام پائالىيىتى بىشكەك شەھىرىدىكى ئالامېدىن 1-مەھەللىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. جامائەت توپلىشىپ توققۇز نەپەر ۋەكىل بىلەن تونۇشۇپ چىقتى ھەمدە ئۇلارنى 8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلىمىغا قىرغىزىستاندىن ۋەكىل قىلىپ سايلىدى. مەزكۇر پائالىيەت 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاياللار جامائىتى، يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بولۇپ 30 يېقىن كىشى قاتناشتى.

سېرگىلى تۇمەن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رەئىسى مۇناجىدىن ھاۋايدۇللايىۋ بىلەت تاشلىماقتا.2024-يىلى 27-ئىيۇل، تاشكەنت
سېرگىلى تۇمەن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رەئىسى مۇناجىدىن ھاۋايدۇللايىۋ بىلەت تاشلىماقتا.2024-يىلى 27-ئىيۇل، تاشكەنت (RFA/Feruze)

مەزكۇر پائالىيەت د ئۇ ق نىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى. رىياسەتچى 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا كېيىنكى يىللاردا د ئۇ ق نىڭ قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. پائالىيەت داۋامىدا د ئۇ ق نىڭ نىزامنامىسى ۋە رەئىسلىككە كۆرسىتىلگەن نامزاتلىرى توغرىسىدا سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رىياسەتچى تەرتىپ بىلەن ھەر بىر سوئالغا چۈشەنچە بەردى.

لېكىن كېيىنكى يىللاردا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىن بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار يېتىشىپ چىققان.

د ئۇ ق نىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېۋ رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، بىشكەك
د ئۇ ق نىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېۋ رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، بىشكەك (RFA/Feruze)

مەزكۇر پائالىيەتتىن ئۈمىدلەنگەن نوۋوپوكروۋكا يېزىلىق ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاسىيەم ماللاباقىيېۋا خانىم رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ 8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق غا ياشلارنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىدىن ۋە قىرغىزىستان ياشلىرىنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىدىن بەك خۇرسەن بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، د ئۇ ق دىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق غا ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن 1-ئىيۇلغىچە توردا تىزىملىتىش زۆرۈر بولغان. شۇ سەۋەبتىن قىرغىزىستاندىن توققۇز كىشى ئۆزلىرىنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن. د ئۇ ق نىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى مەزكۇر توققۇز كىشىنىڭ نامزاتلىقىنى ماقۇللىغان. مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاق ساقاللىرىدىن غەيرەت جاھانوۋ ئەپەندى رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

27-ئىيۇل كۈنى سايلام پائالىيىتى يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جايدىكى پائالىيەت سېرگىلى تۇمەن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۆزبېكىستان جامائىتى 8-نۆۋەتلىك د ئۇ ق غا بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك ئۈچ نەپەر ۋەكىلنى ئەۋەتكەن بولۇپ، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى رۇزىيېۋا دىلبەر، ھوقۇقشۇناس ئىلغار ئەلىيېۋ ۋە بىناكار ئەزىز مۇپتىلايېۋلار شۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروۋ نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، بىشكەك
ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروۋ نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 28-ئىيۇل، بىشكەك (RFA/Feruze)

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بولغان مۇناجىدىن ھاۋايدۇلايېۋ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىمكان قەدەر دېموكراتىك شەكىلدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەتلەردۇر. بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا تىرىشىپ، ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تېگىشلىك پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.