قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا ئاكتىپلىق بىلەن قوشۇلۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن مەھەللىسىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.
مەزكۇر پائالىيەت قىرغىزىستاننىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشلىرى بىلەن باشلاندى. مەزكۇر پائالىيەتكە بىشكەك شەھىرىدىكى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپلاردىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بولۇپ، 60 قا يېقىن كىشى قاتناشتى. ئادەتتە قىرغىزىستاندىكى بۇ خىل يىغىنلارغا ئاساسلىقى چوڭلار قاتنىشىپ كەلمەكتە ئىدى، لېكىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ياشلار قاتنىشىپ، زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا تەقدىم قىلىنغان «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار كۆرسىتىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە ئاساسلىق دوكلاتنى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان پەرھەت ئىبراگىموف تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا 6-ئىيۇندىن 8-ئىيۇنغىچە ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق شۇنداقلا باشقا ئۇسۇللارنى ھەم قوللىنىپ بېيجىڭدا 2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ھەم ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بەرگەن مۇكاپاتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
رىياسەتچى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما يېقىندا قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كەيپىياتىدا مەلۇم سىقىلىشلارنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
13-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى. شى جىنپىڭ يەنە قىرغىزىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى جېيىنبېكوف ۋە باشقا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتە قىرغىزىستان ۋە خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى يۇقىرى مۇقامدا راۋاجلانماقتا.
روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى ئەپەندى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى نەتىجىسىدە ئىمزالانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىدا بۇنىڭغا قاتناشقان ھەر بىر دۆلەت ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلىپ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەۋلان ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان دىلشات تۇردىيېف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىشكەكتە ياشىغان چاغلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەم ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۈلپەتلەر توغرىسىدا خەۋەرسىز قالغانلىقىنى، لېكىن ھازىر نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن تونۇشۇپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەم خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2018-2019-يىللار ئىچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا فىلىم كۆرسىتىلدى.
بۇ يىلنىڭ فېۋرالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىشكەكتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش يىغىنى ئېچىلغان ئىدى. مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ياشلار كومىتېتى ئەزاسى ئادىلە مەسىمجان خانىم قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى ئەپەندى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېغىر كۈلپەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00