قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019.07.02
ittipaq-jemiyiti-esqer-qasimof.jpg قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى 9-قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى ئەسقەر قاسىموف ئەپەندى سۆزگە چىقتى. 2019-يىلى 30-ئىيۇن، بىشكەك.
RFA/Féruze

30-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ چىڭگىز ئايتماتوف نامىدىكى رۇس دراما تىياتىرىدا ئۇيغۇرلار ئىككى ئايدىن بۇيان ئىنتىزار بولغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى 9-قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چۇي، ئوش، ئىسسىق كۆل، جالالاباد ۋىلايەتلىرىدىكى ۋە بىشكەك ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن بولۇپ 375 ۋەكىل، شۇنداقلا قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى، يەنى خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇغېنى ئەركېبايېف ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ھەر تۆت يىل ئىچىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلۈپ نۆۋەتلىك رەئىس ۋە مەركىزىي كېڭەش تولۇق ھېسابات بېرىشى شۇنداقلا يېڭى رەئىس سايلىنىشى شەرت ئىكەن.

يىغىن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن رەسمىي ئېچىلىپ، يىغىن پائالىيىتى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر قۇرۇلتاي كۈن تەرتىپى رەئىس ئارتىق ھاجىيېفنىڭ ھېسابات دوكلاتى، تەپتىش ۋە مالىيە ھەيئىتىنىڭ دوكلاتى ۋە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسنى سايلاپ چىقىشتىن ئىبارەت بىر قاتار جەريانلاردىن ئىبارەتتۇر.

يىغىندا دەسلەپ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېفنىڭ تۆت يىللىق ئىش-پائالىيىتى توغرىلىق ھېسابات بېرىلىپ مەخسۇس فىلىم كۆرسىتىلدى. بۇ فىلىمدىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىي خەرىتىسى كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.

قۇرۇلتايدا سۆز قىلغان قىرغىزىستان خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇغېنى ئەركېبايېف ئەپەندى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە ئىللىق سالام يوللاپ، «ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان خەلقلىرى ئىچىدە كۆپ سانلىق مىللەتلەردىن بىرى» دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ كۆپ سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ۋە قىرغىز قېرىنداش مىللەتلەردۇر. بىزنىڭ تارىخىمىز، تىلىمىز، دىنىمىز بىردەك. مېنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغىنى بۇ فىلىم ئاخىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخىي خەرىتىسىدۇر، ئەپسۇسكى تارىخ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدەك بولمايدىكەن. ئۇ يەرلەردە بولغان ۋەقەلەرنى بىز ھەممىمىز بىلىپ ئېچىنىمىز، لېكىن بىز خەلقئارالىق قانۇنلارغا بوي سۇنۇشىمىز كېرەك.»

ئابدۇغېنى ئەركېبايېف يەنە ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان تەرەققىياتىغا ھەر ساھەلەردە زور ھەسسىلەرنى قوشقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى. «ئومۇمەن مېنىڭ پىكىرىمچە، ئۇيغۇرلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ساھەلەردە زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن ئىلىم-پەن، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، ئىقتىساد، مېدىتسىنا، ئىسپورت ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە. قىرغىزىستان خەلق رەسسامى سابىتجان باباجانوفنىڭ رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە مەن ئۆزۈم نەچچە قېتىم قاتنىشىپ، بەك خۇرسەن بولغان ئىدىم، شۇنداقلا مەرھۇم ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف بىلەن يېقىن مۇئامىلىدە بولدۇم. ھازىرغىچە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنى ئوقۇپ تۇرىمەن».

يىغىن داۋامىدا سۆزگە چىققان قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۇلېندىبايېف «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى رەئىسلىكىگە تۆت كىشىنىڭ نامزاتى كۆرسىتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ دېموكراتىيەنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەرھات تۇلېندىبايېف ئەپەندى يەنە ئۆز نۇتقىدا ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدىن تارتىپ، نوۋوپوكروۋكا ۋە ئوش ۋىلايىتىدىكى قەشقەر قىشلاق يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئېچىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇ مۇنداق دېدى. «نوۋوپوكروۋكا ۋە قەشقەر قىشلاق يېزىلىرىنىڭ ئاھالىلىرى مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ، بۇ جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل دەرسىنى كىرگۈزۈش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىشتى. مەن قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ قويدۇم. ئاللا نېسىپ قىلسا بۇ يىلنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىن تارتىپ بۇ ئىككى يېزىدا ئۇيغۇر تىل دەرسى ئېچىلىدۇ.»

يىغىن ئاخىرىدا يەكۈن چىقىرىلىپ، «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ «تۆت يىللىق پائالىيىتى قانائەتلىنەرلىك بولدى» دەپ باھالاندى. قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىر ئېغىزدىن ئەسقەر قاسىموفنىڭ نامزاتىنى قوللاپ، ئاۋاز بېرىشتى. ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تەپتىش ھەيئىتى ۋە مەركىزىي كېڭەش سايلاندى.

يېڭى سايلىنىپ چىققان رەئىس سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى ئەسقەر قاسىموف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى بۇ قۇرۇلتايدا يەڭگۈچى دەپ كۆرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پەقەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇرۇلتايغا ۋەكىل قاتارىدا قاتناشقان مېدىتسىنا پەنلىرى ساھەسىدىكى نېۋرولوگىيە پروفېسسورى نۇرمۇھەممەت باباجانوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئىتتىپاق» رەئىسى ۋە ھەيئەتلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى. لېكىن ئۇ جەمئىيەت رەئىسلىكىگە بىر كىشىنىڭلا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى توغرا تاپمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە ئەسلىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى رەئىسلىكىگە نىزامنامە بويىچە تۆت كىشى ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكەنىدى. ئۇلار تېخنىكا پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، دوتسېنت بەختىيار قاسىمى، قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىكى جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىلشات ھەسەنوف، نوۋوپوكروۋكا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇرمۇھەممەت باياخۇنوف ۋە نوۋوپوكروۋكا يېزىلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەسقەر قاسىموفلاردۇر. لېكىن، ئەسقەر قاسىموفتىن باشقىلار، «رەئىسلىكىنى ياشلارغا يول بېرەيلى» دېيىشىپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن رەئىسلىككە سايلىنىشتىن ۋاز كېچىشتى.

نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ مەشرەپ ئەزاسى ئارافات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى رەئىسنىڭ ياشلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئۆم قىلىدۇ دېگەن ئۈمىدى بارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.