قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى-5ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقنى تور ئارقىلىق خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى دەپ قارىلىۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى خاتىرىلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر يىلى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بۇ كۈننى خاتىرىلىمەكتە ئىدى. لېكىن بۇ يىلى كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قانلىق ۋەقەنىڭ 11-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى توردا ئۆتكۈزۈلدى.

جالال ئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ شۆبىسى رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوفنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11-يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى توردا ئۆتكۈزۈلدى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەلىشىر ناسىراخۇنوف «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەسلەپ خاتىرىلەش بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزى ھەم قەرزى» دېدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى «ۋاتساپ» ۋە «ئىنستاگرام» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئۆز ئۆيلىرىدە ۋىدېيو تەييارلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئەۋەتىشتى. مەزكۇر ۋىدېيو تارقىتىش پائالىيىتىگە جالال ئاباد شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئون ئىككى نەپەر ئاكتىپى قاتناشتى. ئۇلار ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئېيتىشتى. «ئىتتىپاق» شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات ئوقۇدى. ئاكتىپلار ئارىسىدىكى خۇرشىدەم، مۇبارەك ۋە مەۋليۇدە خانىملار ئۆز ۋىدېيولىرىدا ئازادلىق ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلارنى بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى دەپ قاراپ، ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئۇلار يەنە ۋىدېيو بىلەن بىللە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تارقىتىشقان ئىدى.

ئەپسۇسكى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مەركەزلەشكەن بىر پائالىيەت ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ياشلىرى ئىنستاگرام سەھىپىلىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە ئائىت ۋىدېيو ۋە رەسىملەرنى تارقىتىشتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاندىكى تەيكىۋاندو، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش تەنھەرىكىتى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى ئەكبەر ھېيتاخۇنوف «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قارا كۈنلىرىنىڭ بىرى» دەپ تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇسىبەتلىك كۈنلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ، كېلەچەك ئەۋلادلىرىنى قىرغان، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرىۋەتكەن كۈندۇر. بۈ كۈنلەرنى خاتىرىلىگەندە كۆڭۈل بەكمۇ بىئارام بولىدۇ، بۇ بەك قارا ماتەم كۈنىدۇر، بىز ھەمىشە بۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ ۋە قۇربان بولغان شېھىتلارنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك».

2019-2020 يىللىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە ئالاھىدە دىققەت بۆلمەكتە. ئۇلار يەنە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر قاتار چارە-تەدىرلەرنىمۇ ئېلىپ بارماقتا.

بىشكەكتىكى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ھەر يىلى 5-ئىيۇل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە توپلاپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى. ئەمما، بۇ يىل كورونا ۋىرۇسىنىڭ بىشكەكتە يامراپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بۇنداق يىغىلىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن.