قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىدى

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2023.07.31
qirghizistan-dua-02 قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلماقتا. 2023-يىلى 28-ئىيۇل، بىشكەك.
RFA/Feruze

28-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىشكەك شەھىرىنىڭ يېنىدىكى نوۋوپوكروفكا مەھەللىسىگە جايلاشقان دوستلۇق مەسچىتىگە جەم بولۇپ، 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىشتى. مۇراسىمغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ يىگىت باشلىرى، ئاھالىلىرىدىن بولۇپ 60 تىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر مۇراسىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان روزىمۇھەممەت ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ: «يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى يېڭى بىر پاجىئەلىك قىسمەت» دېدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلماقتا. 2023-يىلى 28-ئىيۇل، بىشكەك.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ-خاندى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەدە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنى خاتىرىلەشكە چاقىرىق قىلغانىدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، بەزى بىر مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇردى.

مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاق-ساقاللىرىنىڭ بىرى غەيرەت جاھانوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرى ۋە مەلۇماتلىرىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە قارىتا ئۆز ئىپادىلىرىنى ھەم نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. لېكىن قىرغىزىستان ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى ئويلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىپ كەلمەكتە. بۇ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنداق بولسىمۇ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن 5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى قاتارلىق زور ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ، قىرغىنچىلىققا، باستۇرۇشقا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.