قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈرۈمچىدە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىنى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2022.12.13
qirghizistan-irqiy-qirghinchiliq-1.jpg 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن خەتمە قۇرئان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 9-دېكابىر، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

9-دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەد ئابدۇلبەقىيېفنىڭ ھەمكارلىشىپ تەشكىللىشىدە 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە 2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى لوندوندا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دېگەن ھۆكۈم چىقارغانىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 9-دېكابىر كۈنىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى قانۇنىي جەھەتتىن ئىسپاتلانغان كۈن دەپ بېكىتكەنىدى. 2022-يىلى 9-دېكابىر كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش ئاممىۋى كۈنلىرىنىڭ بېرىپ بولۇپ بەلگىلەنگەن.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بىشكەك شەھىرىدىكى ئالامېدىن مەھەللىسىدە جەم بولۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىسپاتلانغان 9-دېكابىر كۈنىنى ياد ئېتىپ ھەم 24-نويابردا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ قۇرئان-تىلاۋەت قىلدى. مۇراسىمغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن 200 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن خەتمە قۇرئان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 9-دېكابىر، قىرغىزىستان.

مۇراسىم د ئۇ ق ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقىيېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر مۇراسىم قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ناخشىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى. رىياسەتچى ئاھالىلەرگە ئىللىق سالام يوللاش بىلەن يىغىن مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ۋە ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا كۈرەش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى ئۆز نۇتقىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىتىگە ئائىت پائالىيەتلەرنى قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن داۋامىدا رىياسەتچى ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىق سەھنىدە كەڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، پەقەت ب د ت دىلا ئەمەس بەلكى يەنە G-7، G-20 قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ كۈن تەرتىپلىرىگە قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئوسمانجان تۇردى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئەمەس، بەلكى 1960-يىلى باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئوسمانجان ئەپەندى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلىرىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن خەتمە قۇرئان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 9-دېكابىر، قىرغىزىستان.

مەزكۇر پائالىيەتكە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىمۇ قاتناشتى. ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى گۈلباھار ئالىيېۋا خانىم ئۇيغۇر خەلقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇيغۇر تىل مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاسىيەم موللاباقىيېۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ مەقسىتى سۈپىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە جان ئۈزگەن قېرىنداشلارنى ياد ئېتىشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قاتار كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر مەملىكەت. جۇغراپىيەلىك جەھەتتە قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئۇزۇن چېگراسى بار. قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىقتىسادىي ۋە باشقا بىرقانچە تەرەپلەردىن نۇرغۇر كېلىشىملەر ئىمزالانغان، شۇنداق بولسىمۇ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىزىستاننىڭ قانۇن دائىرىسىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ كەلمەكتە. رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە قىرغىزىستاندا 60 مىڭغىچە ئۇيغۇر بارلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.