كورونا ۋىرۇسى مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە، شۇ جۈملىدىن قىرغىزىستانغىمۇ يېتىپ كەلدى. ئاممىۋى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇنداقلا داڭلىق سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆھبەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كېسەل ياشانغانلار ئۈچۈن ئالاھىدە خەتەرلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان «لېبېدىنوۋكا» يېزىسىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىلشات قاسىموف ۋە ئالىمجان تۇردىيېفلارنىڭ باشچىلىقىدىكى مەشرەپ ئەھلى «ياردەم-سەدىقە» گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، موھتاج ئائىلىلەرگە، شۇنداقلا ياشانغان يالغۇز كىشىلەرگە لازىملىق يېمەك-ئىچمەك ۋە دورىلارنى يەتكۈزمەكتە. «ياردەم-سەدىقە» گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھازىرقى جىددىي ھالەت مەزگىلىدە، ياشانغانلارنى ئاسراش ۋە تۇرمۇشتا موھتاج بولغانلارغا ياردەم كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلشات قاسىموف بۇ قىيىن پەيتتە ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلالىغانلىقىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى «بىز لېبېدىنوۋكا يېزىسىدا تۇرىمىز، بىزنىڭ مەشرىپىمىزدە 20-22 ياشلىق 11 يىگىت بار. بىز بىر-بىرىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارايلى دەپ كېلىشتۇق، چۈنكى ھازىر يالغۇز ياشانغانلار جىق، شۇنداقلا جىددىي ھالەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز ئىشلىرىدىن ۋە كۈندىلىك كىرىملىرىدىن ئايرىلىپ، بەزىلىرىنىڭ شۇنچىلىك قىيىن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلالىساق بەك خۇشالمىز. ياردەم-سەدىقە تەكلىپىمىزگە لېبېدىنوۋكادىكى ئۇيغۇر ئاكىلىرىمىز ۋە ھەدىلىرىمىزمۇ ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بىز قوشنا يېزىلاردىكى مەشرەپ ئەھلىنىمۇ بۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىمىز.»
«ياردەم-سەدىقە» گۇرۇپپىسى «نوۋوپوكروۋكا»، «ۋوستوك»، «كۆك يار»، «مالاۋودنىي»، «كىرگشېلك»، «ئاق ئۆرگە» ۋە باشكا يېزىلاردىكى ياشانغانلار ۋە تۇرمۇشتا موھتاج بولغانلارغا لازىملىق بۇيۇملارنى يەتكۈزدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇلار يەنە مېيىپلەرگە، يېتىملەر ئۆيىگە پولۇ ۋە تاتلىقلارنى تەييارلاپ ئاپىرىپ، يېتىم بالىلارنى خۇشال قىلىشتى. ھازىرغىچە ساخاۋەتچىلەر 150-تىن ئوشۇق ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىپ، يەنە 150 كىشىلىك ياردىمىنى تەييارلاپ، ئالدىمىزدىكى ئەڭ قىسقا مۇددەتتە ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچىكەن.
مەلۇمكى قىرغىزىستان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئەمەس، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلدى. كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى 14 يەتكەندىلا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشچىسى سورونباي جېيېنبېكوفنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن بىشكەك شەھىرى ۋە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى. جىددىي ھالەت 22-مارت كۈنىدىن تارتىپ 22-ئاپرېل كۈنىگىچە بىر ئاي داۋاملاشماقچى. بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئاممىۋى قاتناش چەكلىنىپ، كىشىلەرگە ئۆيلىرىدە تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان. بىشكەك شەھىرىدىن چىقىش ئېغىزلىرىدا ساقچى پوستلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
قىرغىزىستاندا تونۇلغان «قاينار گۇرۇپپىسى» ناملىق تاماق ئېتىش شىركىتى، 22-مارت كۈنىدىن تارتىپ سەھىيە خادىملىرىنى ۋە توسۇقلۇق پوست ئورۇنلىرىدا خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ئىسسىق تاماقلار بىلەن بىكارغا تەمىنلىمەكتە. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «قاينار گۇرۇپپىسى» شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى زۇلپىيە ھەسەنوۋا خانىم، بىكارغا تاماق تارقىتىش پائالىيىتىنى ئۆز شىركىتىنىڭ ئاسسول مولدوكماتوۋانىڭ «مېھرىبان» فوندى بىلەن بىرلىكتە جىددىي ھالەت مۇددىتى ئاخىرلاشقانغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە «قاينار گۇرۇپپىسى» شىركىتى ھەر خىل ساخاۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھەر يىلى رامزان ئېيىنىڭ ئىپتار پائالىيەتلىرى ۋە روزا ھېيتنىڭ بايراملىق ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە قىرغىزىستاندىكى مۇسۇلمانلار فوندى ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ ھەمكارلىق كۆرسەتمەكتە.
جىددىي ھالەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ ئۆز دوختۇرخانىلىرىغا يېتىپ بېرىشى بەك قىيىن بولۇپ قالغانىدى. 23-مارت كۈنىدىن تارتىپ قىرغىزىستان ياشلىرى دەرھال سەھىيە خادىملىرىنى توشۇش ئۈچۈن پىدائىيلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. ئۇلار يول جەدۋىلى تۈزۈپ، ئۆز مەھەللىسىدىكى دوختۇر ۋە سېسترالارنى دوختۇرخانىلارغا نۆۋەت بىلەن بىكارلىق توشىماقتا. بۇ پىدائىيلار گۇرۇپپىسىغا ئۇيغۇر يىگىتلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بىشكەك شەھىرى ۋە سوكۇلۇق ناھىيەسىدىكى يېزىلاردا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشقا ئۆز تۆھپىلىرى قوشۇپ كەلمەكتە.
قىرغىزىستاندا 18-مارت تۇنجى قېتىم كورونا ۋىرۇسى بايقالغانىدى، يۇقۇملانغانلار جالال-ئاباد ۋىلايىتىدىكى سۇزاق ۋە نوئوكەن ناھىيەلىرىنىڭ 3 نەپەر ئاھالىسى ئىدى. قىرغىزىستاننىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 30-مارت كۈنىگىچە قىرغىزىستاندا يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى 84 يېتىپ، 1 كىشى ساقايغان.
رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستاندا 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا تارقالغان. بۇرۇندىنلا بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە بار ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى 1950-1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى قىرغىزىستاننىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرالىرى دەپ قارايدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ كورونا ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.
0:00 / 0:00