شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىگە تەھدىت سېلىپلا قالماي، شۇ كۈنى يەنە جەنۇبىي كورىيىنىڭ يۇنيۇڭ ئارىلىغا چېگرىلىنىدىغان جايلاردا توپچى قىسىملار مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. مانېۋىر جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋالتېر شارپ يۇنيۇڭ ئارىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جەنۇبىي كورىيە ھەربىي لاگىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان.
شىمالىي كورىيە ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەكشەنبە كۈنى سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ "جورجى ۋاشىنگتون "ناملىق ئاۋىئاماتكا پىلوتى شەنبە كۈنكى مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن سېرىق دېڭىزغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
لېكىن، شىمالىي كورىيە سېرىق دېڭىزدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى ئۆزىگە قارىتىلغان ئېغىر ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قاراپ، بۇنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شىمالىي كورىيىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگىنى -كورىيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە ئۇرۇش پارتلاشقا قىل قالغانلىقى"نى بىلدۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال ۋالتېر شارپ ، يۇنيۇڭ ئارىلىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرىكىتى 1953 - يىلى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ب د ت نامىدىكى جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملار قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا يەنە شىمالىي كورىيىنىڭ ھۇجۇم قىلىشتىن توختىشىنى تەلەپ قىلغان.