توربەت تاقىلىشتىن بىر ھەپتە ئاۋۋال مەزكۇر توربەتنىڭ ساھىبى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوتسېنت ئىلھام توختى فرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان، زىيارەت داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بايان قىلغان ئىدى.
ئىلھام توختى فرانسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا قايتىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوللايدىغانلىقى، ئەمما مىللىي كەمسىتىشكە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دوتسېنت ئىلھام توختىنىڭ رادىئومىز مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن 3 قىسىملىق سۆھبەت خاتىرىسى، ئۇيغۇربىز تورىدا دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن، نۆۋەتتە ئىلھام توختىنىڭ نورمال خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە توربەتنىڭ ھىچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت كۆرسىتىلمەستىن تاقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم؛ ئەمما، ئۇنىڭ توربەت تاقىلىش جەرياندا سوراق قىلىنغانلىقى ۋە ياكى تاقاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
مەزكۇر توربەت بۇندىن بۇرۇنمۇ بىرقانچە قېتىم تاقالغان؛ ئىلھام توختىنىڭ قانۇنىي يول بىلەن داۋا قىلىشى بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى.