ئالجىرىيىدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي شىركىتىگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.10
2009.08.10
BBC نىڭ "ئال خابار" دىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئالجىرىيە قوراللىق قىسىملىرى ئالجىرىيە پايتەختى ئەتراپىغا جايلاشقان بىر خىتاي شىركىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنى ئېلىۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قولدا ياسالغان بۇ بومبا ئالجىرىيە پايتەختى ئالجىردىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتا جايلاشقان خىتاي شىركىتىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ بىر ئىشچىسى بومبىنى بايقىغاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
3 - ئاۋغۇست ئالجىرىيە پايتەختى ئالجىردا خىتاي ئىشچىلار جېدەل چىقارغان ۋە جېدەلگە 100 دەك ئالجىرىيىلىكەر ئارىلىشىپ 10 نەپەرگە يېقىن خىتاي ئىشچىنى يارىلاندۇرغان ئىدى.
ئالجىرىيە شىمالىي ئافرىقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ دۆلەتتە خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى بارغانچە كۈچەيمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالجىرىيىدە خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە خىتاي ماللىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىشى نەتىجىسىدە، ئالجىرىيە ياشلىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە ئېغىرلاشقان. بۇ ياشلار ئارىسىدا خىتايغا قارىتا ئۆچمەنلىك كەيپىياتلىرى كۈچەيگەن.