ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچتى

بۈگۈن سەيشەنبە 10 - نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىن زالىدا، خىتايدا 30 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-11-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ھەر ساھە زاتلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغان بۇ 30 يىلدىن بۇيان، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ پۇقرالار ئارىسىدا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىشى ھەم بۇ جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بار بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار قىسمەتلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت