ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر ۋەزىيتى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى

10 - ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار "ئۇيغۇرلار - بىر زىيانكەشلىكنىڭ تارىخىي" تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھراباكېر ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى كارا ئابرامسوم خانىم ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىس فېلىس گيېر خانىم قاتارلىقلار خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي. ئىرقىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە ئىسپات بەردى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەركىبىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىل دېلېيخۇنت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

دېلېيخۇنت ئەپەندى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈگۈرۈۋاتقان سىياسەتنىڭ ئىرقىي تازىلاش كاتېگورىيىسىگە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.