ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

بىر قىسىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسىگە ئىمزالىق خەت يوللاپ، خىتايدىكى دىنىي چەكلىمىلەرنى ئەيىبلىدى.

خەتكە ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى مىكائىل كاپانو باشلىق 16 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان بولۇپ، خەت بۇ ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى جاڭ يېسۇيگە يەتكۈزۈلگەن. خەتتە خىتايدا دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەم دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەنگەن.

مىكائىل كاپانو ئىمزالىق خەتتە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان: مەن دىننىڭ ئەركىن بۆلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى خاتىرىسى ئىنتايىن ناچار بولۇپ كەلمەكتە.

خەت، خىتايدا 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خرىستىئان ئۆلىماسى ۋۇ زېخېڭغا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پۇقرالىرىغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.