ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى "كىشىلىك ھوقۇقتا ساداسىنى يۈكسەلتىش " كە چاقىرىپ، "ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى، دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئالغا سۈرۈشتە زۇۋانى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى" ىنى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.23

فرانك ۋولف، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدىكى نۇتۇقىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل نامايىشچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى دەپ كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراش بىلەن تەنقىد قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى رەئىسى گرىشماننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، " دائىرىلەرنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى، نەچچە يۈز كىشى ئۆلگەنلىكى شۇنداقلا نامايىشچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاياققا تۇتۇلغانلىقى، مىڭلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە رايوننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقسى 10 ئاي ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى"نى ئەسكەرتتى.

فرانك ۋولف يەنە، گرېشماننىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى تەكرارلاپ،"ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنى قوللاپ، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەقىقىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسى چۆل - جەزىرىلەرنى تىترەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كەلدى"دەپ تەكىتلىگەن.

فرانك ۋولف، دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىئونلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللايدىغان جۇمھۇرىيەتچى سىياسىئونلارنىڭ بىرىدۇر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.