ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 5 - ئايدا ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئامېرىكا - خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 5 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ سۆھبەت‏ 13 -، 14 - ماي كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فىلىپ كروۋلىينىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە دىنىي ئەركىنلىك، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋە دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. كروۋلىي سۆھبەتتە يەنە، خىتايدا يېقىندىن بۇيان باش كۆتۈرۈۋاتقان ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىگە ئولتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى ۋە ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى سەۋەبلىك سۆھبەتنىڭ ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىدى.

كروۋلىي بۇ نۆۋەت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ سەمىمىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن گوگۇل ئارىسىدا چىققان مەسىلە ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دېگەنلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەدلىيە ساھەسىدىكىلەرگە تەھدىت سالماسلىقى، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك دېگەنلىكتۇر،" دېدى.