ئۈرۈمچىدە ئاپتوبۇس پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىپ بىر قانچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان

پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاپتوبۇس پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلگەن، 80 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. ۋەقە ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، 531-يول ئاپتوبۇسى يولۇچىلارنى ئەپ كېتىۋاتقاندا پويىزغا سوقۇلۇپ كەتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ ئاساسلىقى ئەتىگەندە مەكتەپكە كېتىۋاتقان بالىلار بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ 41 نەپىرى 16 ياشتىن كىچىك بالىلار ئىكەن. ئەمما، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوڭلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ۋەقە ھەققىدە بايانات بەرگەن ما شىنچۈەن ۋەقەدە يارىلانغانلاردىن ئون نەپىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرچە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئەمما پويىز ئاپتوبۇسقا سوقۇلۇپ كېتىشتىن بۇرۇن بىر قانچە كىشىنىڭ دېرىزىدىن سەكرەپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىغا قارىغاندا، ئاپتوبۇس چاقى پويىز رېلىسىغا قىسىلىپ قېلىپ، ۋاقتىدا ئۆتۈپ كېتەلمىگەنلىكتىن ۋەقە كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاپتوبۇس شوپۇرى ۋەقەدىن يېنىك يارا بىلەنلا قۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ساقچىلارنىڭ سورىقىغا تارتىلىۋاتقان ئىكەن.