ئاقساراي: ئەگەر شىمالىي كورىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىماقچى بولسا ۋەدىلىرىنى ئاقلىشى كېرەك

ئاقساراي چارشەنبە كۈنى، ئەگەر شىمالىي كورىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىماقچى بولسا ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-08-05
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببس، ئامېرىكا - شىمالىي كورىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش پەقەت شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ‏ - قىلماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاقساراينىڭ مەزكۇر باياناتى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون شىمالىي كورىيىگە بېرىپ، مەزكۇر دۆلەتتە تۈرمىگە تاشلانغان ئىككى نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ كەلگىنىدىن كېيىن مەيدان كەلدى.

شىمالىي كورىيىنىڭ 5 ئايدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىككى نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىنى قويۇپ بېرىشى، ئامېرىكا - شىمالىي كورىيە مۇناسىۋەتلىرى شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان تېخىمۇ جىددىيلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت