خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىدە ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى يەر شارىدىكى 179 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىپ، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيىنى ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيادىكى ئاخبارات ئەڭ ئەركىن دۆلەتلەر، دەپ ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.30

بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ئەڭ ئارقىدىكى دۆلەتلەر ئېرىتىرىيە،، شىمالىي كورىيە، تۈركمەنىستان بولۇپ باھالاندى. خىتاي 179 دۆلەت ئىچىدە 173‏-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئارقىدىن سانىغاندا 7 ئورۇننى ئېگىلگەن. خىتاي ئىراننىڭ ئالدىدىن ۋيېتنامنىڭ ئارقىدىن ئورۇن ئالغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى ئۆلچەم قىلمىغان. بەلكى ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تۇتقان ئۇزۇن ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك مۇئامىلىسىگە قاراپ تەييارلانغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2012‏-يىلى ئېلان قىلغان ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىدە خىتاينى 174‏-ئورۇنغا قويغان ئىدى. بىراق 2012‏-يىلى سومالىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ كېتىپ، 175‏-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاچقا، خىتاي بۇ قېتىم 174‏-ئورۇندىن 173‏-ئورۇنغا چىقىپ قالغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي تور ئابۇنتلىرى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولانغان دۆلەت.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.