ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى بان كىمۇننىڭ ئۇسلۇبىنى تولىمۇ يۇمشاق ۋە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان دەپ تەنقىد قىلماقتا. بان كىمۇننىڭ باياناتچىسى "ئەمەلىي نەتىجىلەر بان كىمۇننىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى" دېگەن.
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، بان كىمۇننىڭ ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى نىسبەتەن قاتتىق تەكىتلەپ، خىتايغا ئوخشاش چوڭ ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەلىرى داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا ئاۋازىنىڭ پەسلەپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا چىقماي قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بان كىمۇننىڭ 5 يىللىق ۋەزىپە مۇددىتى مۇشۇ يىل 12 -ئاينىڭ 31 -كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بان كىمۇننىڭ ئىككىنچى قېتىم يەنە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش تەمەسىدە ئىكەنلىكىنى، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتا خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.