بېيجىڭدىكى نامايىشنى 500 ئەتراپىدا ساقچى باستۇردى

‏20 ‏ - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن بېيجىڭدا، ئالدامچىلىققا ئۇچراپ زىيان تارتقان يۈزلىگەن خىتاي پۇقراسى، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، بوشۈن خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر نامايىش خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تىترەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.20

نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى زور تۈركۈمدە ساقچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ نامايىشچىلارنى باستۇرغان بولۇپ، رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نامايىشنى باستۇرۇشقا 500 ئەتراپىدا ساقچى قاتناشتۇرۇلغان.

رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، نامايىشچىلار ئاساسەن پېنسىيىگە چىققان كىشىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تىز باي بولۇش ئالدامچىلىقىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى مەلۇم بىر شىركەت ئىچكى موڭغۇل جاڭگاللىرىدا يەر ئېچىش ۋە ئورمان ئەھيا قىلىشقا مەبلەغ سېلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق تىز بېيىش ھىيلىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، 30 مىڭ ئادەمنى مەبلەغ سېلىشقا كۆندۈرگەن ھەمدە 1.3 مىليارد يۈەن خىتاي پۇلىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ ئالدامچىلىقى پاش بولغاندىن كىيىن، خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ شىركەتنىڭ بارلىق مەبلىغىنى مۇسادىرە قىلغان ھەمدە شىركەت دىرېكتورىنى ساختا ئېلان بېرىش قىلمىشى بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا خىتاي ساقچىلىرى ئەتراپنى قورشاۋغا ئالغان ۋە نامايىشچىلاردىن بەش ئاپتوبۇس ئادەمنى نەق مەيداندىن ئېلىپ كەتكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.