جورج بۇش ئاقسارايدىن كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرى توغرىسىدا باھا ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدا بۇيىل سايلانغان پرېزىدېنت باراك ئوباما 2009 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ھامان، ئاقسارايدىن چىقىپ كېتىدىغان ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۈنۈگۈن ئا ب س تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت، مەغلۇبىيەتلىرى توغرىسىدا باھا ئېلان قىلدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، جورج بۇش ئۆتكەن سەككىز يىلدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت نېمە دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىپ 'ھۆكۈمىتىم ئىدېئولوگىيە جەھەتتە بىر چوڭ ئۇرۇش قىلدى'، 'ئەمما ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان قورال بارلىقى ھەققىدىكى ئاخباراتتىن تامان ئۆزگىچە نەتىجە چىققانلىقىغا ئەپسۇسلىنىمەن'، ' كەلگۈسىدە بۇنىڭغا تارىخ باھا بەرسۇن' دېدى.

جورج بۇش سۆزىدە يەنە 'كەلگۈسىدە بۇ بىر دەۋىرنىڭ تارىخىنى يازغاندا، كىشىلەر چۇقۇم ئامېرىكىنىڭ پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى مەسىلىلەر بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ئېلىنغان قارارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن' دېدى.