دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 68 تور ئابونتى ۋە 30 مۇخبىرنى تۈرمىگە تاشلاتقۇزغان. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان شى جىنپىڭنىڭمۇ ئاخباراتنى قاتتىق كونترول قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى خىتايدىكى يېڭى «ئاخبارات دۈشمىنى» دەپ تەسۋىرلىدى.
3-ماي «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتىكى سانلىق ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، 2011-يىلى ئىچىدە جەمئىي 1044 مۇخبىر تۇتقۇن قىلىنغان، 499 مەتبۇئات ئورگىنى چەكلەنگەن، 71 مۇخبىر گۆرۈگە ئېلىنغان، 66 مۇخبىر ئۆلتۈرۈلگەن.