دالاي لاما 3 كۈنلۈك كانادا زىيارىتىنى باشلىدى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما كانادادىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، 22 - ئۆكتەبىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 30 مىڭ ئەتراپىدا تىڭشىغۇچى قاتناشقان بىر يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، مەسىلىلەرنى دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-10-23
Share

دالاي لاما، ئۇرۇشنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ۋە 20 - ئەسىردىكى ئۇرۇشلاردا 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، 21 - ئەسىر ئەۋلادلىرىنىڭ بەختلىك، تىنچ ۋە مۇھەببەتلىك دۇنيا قۇرۇپ چىقىشتا ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كانادادىكى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىي تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لاما 23 - ئۆكتەبىر تورونتودا مەزكۇر مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن ۋە مەركەزنىڭ رەسمىي ئىش باشلىغانلىقىنى جاكارلايدىكەن.

كانادادىكى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى 2008 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان بولۇپ، مەركەز كانادانىڭ ئونتارىئو شتاتى ئېتوبىكوكې شەھىرىگە جايلاشقان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئونتارىئو شىتاتىدا 4 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك بار بولۇپ، مەزكۇر مەركەز تىبەت مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ساقلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت