دالاي لاما، ئۇرۇشنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ۋە 20 - ئەسىردىكى ئۇرۇشلاردا 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، 21 - ئەسىر ئەۋلادلىرىنىڭ بەختلىك، تىنچ ۋە مۇھەببەتلىك دۇنيا قۇرۇپ چىقىشتا ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كانادادىكى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىي تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لاما 23 - ئۆكتەبىر تورونتودا مەزكۇر مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن ۋە مەركەزنىڭ رەسمىي ئىش باشلىغانلىقىنى جاكارلايدىكەن.
كانادادىكى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى 2008 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان بولۇپ، مەركەز كانادانىڭ ئونتارىئو شتاتى ئېتوبىكوكې شەھىرىگە جايلاشقان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئونتارىئو شىتاتىدا 4 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك بار بولۇپ، مەزكۇر مەركەز تىبەت مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ساقلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.