چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى يېڭى چولپان -دولان قويى

مەركىزى ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەكىتتە يېتىشتۈرگەن دولان قويىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى يېڭى چولپان دەپ تونۇشتۇرۇپ ماقالە ئېلان قىلدى.

سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە گېزىتىمۇ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، دولان قويىنى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ئۇرۇق، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى غەلىتە بولۇپلا قالماي، ئۇ ھەم چوڭ، ھەم تېز تەرەققىي قىلىدىغان، كۆپ گۆش چىقىدىغان، يۇڭىمۇ ئېسىل سورتلۇق مەھسۇلات. بۇنداق بىر قوينىڭ باھاسى ھازىر بىر مىليون يۈەن دەپ باھا بەردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق ئەتىۋارلىق قويدىن ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئاران 1000 ئى بار. ئاۋات ناھىيىلىك ئۇرۇقلۇق قوي فېرمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ ھازىر دولان قويىنى بىر مىليون بېرەي دېسىمۇ ساتمايۋاتىدۇ.