سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بۇ يىل 6-ئايدا خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى تۋتېر تور بېكىتىدە قولغا ئېلىنغان چاغدىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزى بىلەن بىر كامىرىدا ياتقان ليۇ جېڭگاڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تۈرمىدە مەنىۋى ھەم جىسمانىي جەھەتتىن تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەي ۋېيۋېي ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى سەنئەتكار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بۇ يىل 4-ئايدا تۇيۇقسىز قولغا ئالغان ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېيۋېينى «باج ئوغرىلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئالغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئايدىن بۇيان مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشى دىققەت قوزغىدى.