خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇھلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلات «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قوزغاش ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغان.
دوكلاتتا، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەقەگە ئارىلاشمىغان گۇناھسىز كىشىلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلغان ھەرقانداق كىشى مۇنداق بىر ئورتاق نۇقتىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئۇلاردىن پەقەت ئىككى كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەر ياشلار. ئۇلاردىن پەقەت 2،3 كىشى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىختىيارسىز توقۇنۇشقا ئارىلىشىپ قالغاندىن باشقا قالغان بارلىق كىشىلەر گۇناھسىز ياشلار، دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا يەنە، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇلارنى ئىزچىل سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، بەزىدە خاتا ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر دوكلات، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىش، نەزىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلىگەن، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.