'5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى' دەپ تۇتۇلغان شۆھرەت تۇرسۇننىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلدى

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆزى ئىختىيارى بىلەن خەۋەر قىلىشىچە، '5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى' دەپ ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان شۆھرەت تۇرسۇننىڭ جەسىتىنى، بۈگۈن، 19 - سېنتەبىر، ئۈرۈمچى ۋاختى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، ساقچىلار قورغاس ناھىيىسىنىڭ لەنگەر يېزا يېڭىئاۋات كەنتىدىكى ئائىلىسىگە ئەكىلپ بېرىپ، ئۇنىڭ دادىىسىغا، جەسەتنى داغدۇغا قىلمايلا يەرلىكتە قويۇشنى، ھازا ئاچماسلىقنى بۇيرىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.19
Urumqini-qaplighan-xitay-armiyisi-305.jpg 9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ - ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

لەنگەر ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرنىڭ تېلېفون ئارقىلىق جاۋاپ بېرىشىچە، جەسەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئائىلە، جەسەتتە تاياق ئىزلىرى بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەرتە يەرلىكتە قويۇشنى رەت قىلغان.
 
يەرلىك ئاھالىلاردىن بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچىلار بۇ مەھەللىگە 8 ئاپتوموبىل قوراللىق ساقچى ۋە 2 بروۋنىك بىلەن كېلىپ تۇرسۇن ئىشان (شۆھرەت تۇرسۇننىڭ دادىسى) نىڭ ئۆيىنى قورشىۋالغان.

بۇ كەنتتىكى ئورمانزا مىچىىتنىڭ ئىمامى ئالىم قارى، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ھازىر، ھازىدارغا تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار، شەخىسلەر ھازىر بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاشقا كىرىشتى.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.