گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ نەپىرى پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.10
2009.09.10
گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتى جورج كلارك بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، "مەن ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرى پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلدى، ئۇلار گۇەنتانامودىن بالدۇرراق ئايرىلىپ، پالاۋدا ئۆزلىرىگە يېڭى بىر ھايات قۇرۇشنى ھاياجان ئىچىدە كۈتمەكتە،" دېگەن.
يەنە بىر ئادۋوكات ئېرىك تىرىشۋېلمۇ مۇخبىرلارغا: "مەن ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان 4 نەپەر ئۇيغۇردىن 1 نەپىرىمۇ پالاۋغا بېرىشقا قوشۇلدى. ئۇ 8 يىل ئارىدىن كېيىن ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇشنى كۈتمەكتە،" دېگەن.
بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ كەچ بولغاندىمۇ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا پالاۋغا بېرىپ بولىدىغانلىقى ئىپادە قىلىنماقتا. ئەمما ئامېرىكىنىڭ پالاۋدا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مارك بېزنېر ئۆزىنىڭ تېخى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن بۇ ھەقتە رەسمىي بىر خەت تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، "بىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىغا قەتئىي قارشى. بۇ ئۇيغۇرلار بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك، دېگەن.
ئامېرىكا ھازىر قالغان 10 نەپەر ئۇيغۇرغا بارىدىغان دۆلەت ئىزدىمەكتە. بۇندىن ئاۋۋالمۇ گۇەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن 5 نەپىرى ئالبانىيىگە، 4 نەپىرى ئارال دۆلىتى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.