گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن

"لوس ئانگېلىس ۋاقتى گېزىتى" نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن 7 نەپەر كىشىنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

ئەگەر بۇ پىلان ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلسا بۇ كىشىلەر گۇئەنتانامودىن ئامېرىكا زېمىنىغا قويۇپ بېرىلگەن تۇنجى تۇتقۇنلار بولۇپ قالغۇسى. لېكىن خەۋەردە قالغان 10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خەۋەردە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر پىلانى پرېزىدېنت ئوباما ھوقۇق تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى ھەپتىسى ئېلان قىلغان گۇئەنتانومونى تاقاش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش يولىدا بېسىلغان مۇھىم قەدەم، دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم تۇتقۇنلار ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قالغان تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈلگە يارىتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ تېخى ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغانلىقى شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە يەنە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا شۇنداقلا جامائەت پىكرىدە بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە شتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تېز ماسلىشىپ كېتىشىگە پايدىلىق، دەپ كۆرسەتمەكتە.