ساۋ خەيبۇ بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئىنتېرنېتتا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىدىغان بىر ئەركىن گۇرۇپپا تەشكىل قىلىپ، بۇ مۇنازىرە تور بېتىدە دېموكراتىيە ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى قىلغان. ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىنتېرنېتتا قۇرغان بۇ گۇرۇپپىسىنى ۋە چەتئەللەردىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنى ئۇنىڭ جىنايەت ئىسپاتى قاتارىدا ئىشلەتكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، سوت دائىرىلىرى مەزكۇر داۋانى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت داۋا دەپ يېپىق سوت شەكلىدە سوتلىغان. ساۋ خەيبۇنىڭ ئادۋوكاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 18-قۇرۇلتاي ئالدىدا ئۆكتىچى زاتلارغا بولغان باستۇرۇشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى مەزكۇر ۋەقەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىدى.