ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ جې جاڭ قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە نەچچە كۈن داۋاملاشقان يامغۇر ھەم جايلاردىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ئېغىرلاشماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تەخمىنەن 5 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى كەلكۈننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. 21-ئىيۇنغىچە كەلكۈن ئاپىتىدە تەخمىنەن 175 ئادەم ئۆلگەن، ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار نەچچە يۈزگە يەتكەن، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ خىلدىكى ئاپەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-ئىيۇندىن بۇيان ئۇدا بىرنەچچە كۈن داۋاملاشقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدىمۇ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

تۇرپان تەۋەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتى ھۆكۈمەت خەۋەر قىلغاندىكىدىن ئېغىر ئىكەن.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم تۇرپان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە ئىقتىسادىي زىيان ئېغىر بولغاندىن باشقا، ئۆلگەنلەر نەچچە ئونغا يەتكەن بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن.