جەنۇبىي كورىيە خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2011.12.27
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى جەنۇبىي كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇۋاتقان خىتاي بېلىقچىلىرى جەنۇبىي كورىيىنىڭ دېڭىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوفېتسىر، ساقچىلىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جەنۇبىي كورىيە ئوفىتسېر، ساقچىلىرىنىڭ ئۆلۈش ھەم يارىلىنىش ۋەقەسىنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، كورىيە ھۆكۈمىتى ھەم خەلقى خىتايغا قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى، دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بېرىۋاتقان قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، كورىيىنىڭ يېقىن ئارىدا 119 نەپەر دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش ساقچىسى، 324 نەپەر دېڭىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئالاھىدە ساقچىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، 2014-يىلغىچە يېڭىدىن 18 دانە دېڭىزدا قوغلاپ يۈرۈپ زەربە بېرىدىغان ھەربىي پاراخوتنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كورىيە ھۆكۈمىتى يەنە بۇندىن كېيىن كورىيە دېڭىز ساقچىلىرىغا پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرگەندە، كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتا ئوق چىقىرىپ زەربە بېرىش ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.