كۇچادىكى بىر كاندا ۋەقە يۈز بېرىپ، 7 ئادەم كان ئاستىدا قالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا ۋەقە يۈز بېرىپ، 7 ئادەم كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان. ۋەقە دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، كان قۇدۇقلىرىنىڭ بىرىدىن گاز چىقىپ كېتىپ، كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان كان ئىشچىلىرىدىن 7 كىشى كان ئاستىدا قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.08.09

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ۋەقەنىڭ كۇچانىڭ شىمالىغا جايلاشقان تاغلىق جىلغىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن. كۆمۈر كاننىڭ كىم تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى، كان ئاستىدا قالغان ئىشچىلارنىڭ يەرلىك خەلق ياكى ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەخسلەرنىڭ كان ئېچىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، خىتاي كارخانىچىلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلغان. لېكىن بۇ سىياسەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار دائىرىلەرنى خىتاي كارخانىچىلىرىنى جەلپ قىلىشنى كۆزلەپ، كۆمۈر كانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا سەل قاراش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، كۇچادىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە قۇتقۇزۇش خادىملىرى دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 گە قەدەر 5 قېتىم كان ئاستىغا چۈشكەن. لېكىن كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان ئىشچىلارنىڭ ھايات - ماماتلىقى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.