موڭغۇلىيىدە پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قوشنىسى موڭغۇلىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. موڭغۇلىيىنىڭ بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى، بۇ دۆلەت ئەغىر ئىقتىسادىي كرىزىسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۆلەتنىڭ تەقدىرى كىشىلەرنى بىئارام قىلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى بەلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق تېخى تولۇق خۇلاسىسى چىقمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.05.24

ئەمما نوۋەتتە، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقان موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان ئېنكىبايېرنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلۇقى پەرەز قىلىنماقتا.ئېنكىبايېرنىڭ رەقىبى دېموكراتىك پارتىيىدىن كېلىپ چىققان نامزات ساكھىئاگىن ئەلبەگدورجىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. دېموكراتىك پارتىيە ئۆتكەن يىلى ئۇلانباتوردا نارازىلىق نامايىش ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

نوۋەتتە، جەنۇبتا خىتاي، شىمالدا رۇسىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسائىي تەسىرى ئاستىدا تۇرىۋاتقان موڭغۇلىيە دۆلەتنىڭ كېلەچەك چىقىش يولىنى ئىزدىمەكتە، ئۇلانباتۇر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقچىسى رۇسىيىگە بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاش بىلەن بىرگە خىتاي بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلار ئامەرىكا، ياۋرپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ كۆزەتكۈچىلىرىنى سايلامنى كۆزىتىشكە تەكلىپ قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.