ئەنگلىيە بۈگۈن لېۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋىليام خاگ بۈگۈن، لېۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ئەلچى ئەۋەتسە قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.07.27

بۇ، ئەنگلىيەنىڭ لېۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ياردەم بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى.

ئەنگلىيەنىڭ لېۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ يىل 5‏-ئايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، لېۋىيىنىڭ باش ئەلچىسى ئەنگىلىيىدىن قوغلاپ چىقىرىغاندىن باشقا، قالغان دىپلوماتلىرى ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىدى. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بۈگۈن، كازافىيغا قاراشلىق لېۋىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەنگىلىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى چىقاردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.